13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-13 17:08

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى 13-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى لايىھەسى ھەققىدىكى ئىزاھاتى، گوۋۇيۈەننىڭ گوۋۇيۈەن ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى ھەققىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2980 بولۇپ، 2962 ئادەم قاتناشتى، 18 ئادەم قاتنىشالمىدى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن بولدى.

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەنگو 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى لايىھەسى ھەققىدە ئىزاھات بەردى. لى جيەنگو مۇنداق دېدى: مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى تۈزۈش-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى زور تەدبىر؛ پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، مەركەزلىك بىر تۇتاش، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىنى ئورنىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى؛ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەمەلىيىتى ۋە تەجرىبىسىنى يەكۈنلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى مۇستەھكەم قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنىڭ رېئال ئېھتىياجى؛ پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكى بىلەن دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش ئىشلىرىنىڭ ئورگانىك بىرلىكى، جۇڭگوچە مەمۇرىي تەپتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشتىكى ئىجادىي تەدبىر؛ ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر.

لى جيەنگو مۇنداق دېدى: مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى چىقىرىش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى پىكىر يولى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىندى: 1-توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇلدى؛ 2-ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇلدى؛ 3-مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇلدى؛ 4-ئىلمىي، دېموكراتىك، قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇلدى.

لى جيەنگو مۇنداق دېدى: مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى لايىھەسى جەمئىي توققۇز بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئومۇمىي پىرىنسىپ، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى، مەمۇرىي تەپتىش دائىرىسى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكى، مەمۇرىي تەپتىشنىڭ ھوقۇق دائىرىسى، مەمۇرىي تەپتىش تەرتىپى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىق، مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ۋە مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرىغا بولغان نازارەت، قانۇنىي مەسئۇلىيەت ۋە قوشۇمچە پىرىنسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جەمئىي 69 ماددا. بۇلار مۇنداق يەتتە جەھەتتىكى ئاساسلىق مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1-مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ 2-مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپى ۋە فاڭجېنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ 3-مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ 4-ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بارلىق جامائەت ۋەزىپىسىدىكى خادىملارنى مەمۇرىي تەپتىش بىلەن تولۇق قاپلاش؛ 5-مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنىغا زۆرۈر ھوقۇق دائىرىسى بېرىش؛ 6-مەمۇرىي تەپتىش تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش؛ 7-مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ۋە مەمۇرىي تەپتىش خادىملىرىغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىش.

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان گوۋۇيۈەن ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسىنىڭ تەكلىپىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيىدا، ئورگان ۋە مەمۇرىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئېنىق تەلەپ قىلىندى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، «پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، يىغىن بۇنىڭ ئىچىدىكى گوۋۇيۈەن ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى. ھازىر «پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن شەكىللەنگەن «گوۋۇيۈەن ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى» 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ.

دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يوڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەن ئورگانلىرىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسىگە ئىزاھات بەردى. ۋاڭ يوڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى گوۋۇيۈەن ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: 1-گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى تارماقلارنى تەڭشەشتە، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك، يېزا مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتى، ھەربىي سەپتىن قايتقانلار ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، جىددىي ئەھۋالنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قۇرۇلىدۇ، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قايتىدىن تەشكىللىنىدۇ، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى سەرخىللاشتۇرۇلىدۇ، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسى دۆلەتلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىغا قوشۇۋېتىلىدۇ؛ 2-گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئورگانلىرىنى تەڭشەشتە، دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگو بانكا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى، دۆلەتلىك خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسى، دۆلەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپىسى ئىدارىسى، دۆلەتلىك كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئورمانلىق ۋە يايلاق ئىدارىسى قۇرۇلىدۇ، دۆلەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى قايتىدىن تەشكىللىنىدۇ، مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشىنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتى تەڭشىلىدۇ، دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئېلىش، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھ قىلىنىدۇ.

ۋاڭ يوڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان ئىسلاھاتىدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت ئۈچىنچى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى ئىلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسى، خەلقنىڭ ئۈمىدىگە دىققەت مەركەزلەشتۈرۈلدى، ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، مەۋقە ھەم ھازىرغا قارىتىلدى ھەم كەلگۈسىگىمۇ نەزەر سېلىندى، گوۋۇيۈەن ئورگانلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ۋە فۇنكسىيەسىنىڭ سەپلىنىشى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتى راۋانلاشتۇرۇلدى. ئىسلاھاتتىن كېيىن، گوۋۇيۈەندىكى مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئورگاندىن سەككىزى، مۇئاۋىن مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئورگاندىن يەتتىسى ئازايتىلدى. ئىسلاھات ئارقىلىق گوۋۇيۈەن ئورگانلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن، ئىلمىي مۇۋاپىق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولدى، بۇ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىرىنچى يىغىنىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرى تەسىس قىلىش ھەققىدىكى قارارى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىرىنچى يىغىنىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرىنىڭ نامزاتلىرىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.