مەركىزىي كومىتېت «پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»نى تارقاتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-03-22 10:10

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل، ئىزچىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

«پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» مۇنداق سەككىز تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ 2-مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئورگان ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ 3-گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ 4-مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئورگان ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ 5-مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ 6-ئارمىيە-يەرلىكتىن ھالقىغان ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ 7-ئاممىۋى تەشكىلات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ 8-يەرلىكنىڭ ئورگان ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دۆلەتلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى قۇرۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ ئىش بېجىرىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بىر يۈرۈش خىزمەت ئورگىنى، ئىككى ئورگان ئىسمىنى يولغا قويۇش؛ مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى قۇرۇش؛ مەركەز ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى قۇرۇش؛ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى كومىتېتقا ئۆزگەرتىش؛ مەركەز مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇش؛ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى قۇرۇش؛ يېڭى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى، دۆلەت مەمۇرىي ئىنستىتۇتى قۇرۇپ، بىر ئورگاندا ئىككى ۋىۋىسكىنى يولغا قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇن قىلىش؛ مەركەز پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى قۇرۇش، مەركەز پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى، مەركەز ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى، مەركەز تەھرىرلىك، تەرجىمە ئىدارىسىنى يەنە ساقلاپ قالماسلىق؛ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەركەز ئورگانلىرى ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى، مەمۇرلار خىزمىتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش؛ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئاخبارات، نەشرىيات خىزمىتى، كىنو خىزمىتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش؛ مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، دىن خىزمىتى، مۇھاجىرلار ئىشلىرى خىزمىتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش؛ مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش؛ مەركەز دېڭىز-ئوكيان ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى يەنە تەسىس قىلماسلىق؛ مەركەز جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى يەنە تەسىس قىلماسلىق؛ مەركەز مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى يەنە تەسىس قىلماسلىق؛ مەركەز بىدئەتتىن ساقلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئورگان ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتى قۇرۇش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار، ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ نامىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەمۇرىي تەپتىش ۋە ئەدلىيە كومىتېتىغا ئۆزگەرتىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ نامىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىغا ئۆزگەرتىش.

گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى قۇرۇش، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئۆلچەش-سىزىش جۇغراپىيە ئۇچۇر ئىدارىسىنى يەنە ساقلاپ قالماسلىق؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى قۇرۇش، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنى يەنە ساقلاپ قالماسلىق؛ يېزا ئىگىلىك، يېزا مىنىستىرلىقى قۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنى يەنە ساقلاپ قالماسلىق؛ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى قۇرۇش، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنى يەنە ساقلاپ قالماسلىق؛ دۆلەتلىك سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتى قۇرۇش؛ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قۇرۇش؛ جىددىي ئەھۋال باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قۇرۇش، دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنى يەنە ساقلاپ قالماسلىق؛ پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنى قايتىدىن قۇرۇش؛ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنى قايتىدىن قۇرۇش، گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنى يەنە ساقلاپ قالماسلىق؛ ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش؛ دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قۇرۇش، دۆلەتلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك سۈپەت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنى يەنە ساقلاپ قالماسلىق؛ دۆلەتلىك رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى قۇرۇش، دۆلەتلىك ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنى يەنە ساقلاپ قالماسلىق؛ مەركىزىي رادىيو، تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قۇرۇش، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلۈشىنى بىكار قىلىش؛ جۇڭگو بانكا، سۇغۇرتا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇش؛ دۆلەتلىك خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسى قۇرۇپ، گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان قىلىش؛ دۆلەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى قۇرۇش؛ دۆلەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپىسى ئىدارىسى قۇرۇش؛ دۆلەتلىك كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇش؛ دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ۋە يايلاق ئىدارىسى قۇرۇش؛ دۆلەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنى قايتىدىن قۇرۇش؛ گوۋۇيۈەن سەنشيا قۇرۇلۇشى كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى سۇچىلىق مىنىستىرلىقىغا قوشۇۋېتىش؛ مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشىنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش؛ دۆلەت بېجى، يەرلىك باج ئېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئورگان ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا كومىتېتى قۇرۇش؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تارىخ ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىنىڭ نامىنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەدەنىيەت، تارىخ ۋە ئۆگىنىش كومىتېتىغا ئۆزگەرتىش؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ نامىنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مائارىپ، پەن، سەھىيە، تەنتەربىيە كومىتېتىغا ئۆزگەرتىش.

مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بازارنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجراسى قوشۇنىنى بىرىكتۈرۈپ قۇرۇش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قوشۇنىنى بىرىكتۈرۈپ قۇرۇش؛ مەدەنىيەت بازىرى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قوشۇنىنى بىرىكتۈرۈپ قۇرۇش؛ قاتناش-تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قوشۇنىنى بىرىكتۈرۈپ قۇرۇش؛ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قوشۇنىنى بىرىكتۈرۈپ قۇرۇش.

ئارمىيە-يەرلىكتىن ھالقىغان ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئەسى قىسمىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش قىسمىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش؛ دېڭىز ساقچى قوشۇنىنى قوراللىق ساقچى قىسىمغا تەۋە قىلىش؛ قوراللىق ساقچى قىسىم قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئالتۇن، ئورمان، سۇ ئېلېكتىر قىسمىنى باشقۇرمايدۇ؛ قوراللىق ساقچى قىسىم تاموژنىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلمايدۇ.

لايىھەدە ئاممىۋى تەشكىلات، يەرلىك ئورگانلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەلەپ قويۇلدى.

لايىھەدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ئىسلاھاتى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئەمەلىيلىشىشى كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىسلاھات لايىھەسى 2018-يىلى 9-ئايدىن بۇرۇن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقىغا سۇنۇلۇشى؛ 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئورگان تەڭشەش ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلىشىشى كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئسىلاھاتى ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەنگە ئېلىشىگە سۇنۇلۇشى كېرەك. بارلىق يەرلىكلەرنىڭ ئورگان ئىسلاھاتى ۋەزىپىسى 2019-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىشى شەرت.