شى جىنپىڭنىڭ خەينەن بىلەن بولغان 40 يىللىق چوڭقۇر مۇھەببەت ھېكايىسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-04-16 17:45

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

13-ئاپرېل خەينەن ئۆلكىسى 30 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى.

بۇندىن 30 يىل بۇرۇنقى 1988-يىلى 13-ئاپرېل، شى جۇڭشۈن يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا خەينەن ئۆلكىسى تەسىس قىلىش، خەينەن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى قۇرۇش قارار قىلىندى.

30 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كەندە خەينەندە خىزمەت تەكشۈرۈۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەن ئۆلكىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خەينەننىڭ 30 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىگە گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى ھەمدە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا سەمىمىي ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئۇزاققىچە كۆرۈشمەي كۆرۈشتۇق مانا، ئون مىڭ قېتىم كۆرسەممۇ قانمايمەن ساڭا». شى جىنپىڭ ئۆزى نەقىل كەلتۈرگەن بۇ خەينەن خەلق ناخشىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ خەينەن بىلەن بولغان مېھرى مۇھەببىتىنى سۈپەتلەش تازا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

1979-يىلى، شى جىنپىڭ خەينەنگە بارغان. ئەينى چاغدا خەينەن گۇاڭدۇڭغا قارايتتى، شى جىنپىڭنىڭ دادىسى شى جۇڭشۈن گۇاڭدۇڭدا خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلاتتى. شۇ چاغدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان شى جىنپىڭ دائىم قىشلىق، يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ گۇاڭدۇڭغا بېرىپ دادىسىنى يوقلايتتى.

ئەينى چاغدا خەينەن يەنىلا بىر نامرات، ئارقىدا قالغان بېكىنمە ئارال بولۇپ، شۇ يىللاردىكى قۇرۇلۇشچىلارنىڭ جاپا مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، خەينەننى ئېچىش ۋە قۇرۇشتىكى تولۇپ-تاشقان جاسارىتى ياش شى جىنپىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.

بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ ئىشلارنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ 1979-يىلى قىشلىق تەتىلدە گۇاڭدۇڭغا بارغاندا دادىسىغا ئەگىشىپ خەينەنگە بېرىپ مارشال يې جيەنيىڭ بىلەن دادىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشلىرىنى كۆرگەنلىكىگە ئائىت ئەھۋاللارنى ئەسلەپ ئۆتتى. شى جىنپىڭ خەينەنگە يەنە بېرىپ، بۇرۇنقى بىلەن ھازىرقى ئۆزگىرىشلەرنى سېلىشتۇرۇپ، ئىختىيارسىز ھالدا: «بۇ ھەقىقەتەن غايەت زور ئۆزگىرىش» دېدى.

يەرلىكتە ئىشلىگەن چېغىدا، شى جىنپىڭ خەينەن بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى باشتىن-ئاخىرى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. فۇجيەندە، ياڭپۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ فۇجيەندە چوڭ تىپتىكى سودىگەر چاقىرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىگە مەدەت بەردى ۋە بۇنى ئىلگىرى سۈردى؛ جېجياڭدا، خەينەن پارتىيە-ھۆكۈمەت تەكشۈرۈش ئۆمىكى ۋە ئىقتىساد-سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، «چوڭ ئالاھىدە رايون بىلەن چوڭ شەھەرنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىق» ئورنىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

مەركەزگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ خەينەندىن ئىبارەت بۇ زېمىنغا باشتىن-ئاخىر چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى.

2010-يىلىدىن باشلاپ، شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم چيۇڭجۇ ئوبلاستىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، خەينەننىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.

2010-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان شى جىنپىڭ خەينەنگە بېرىپ، 10 دىن ئارتۇق شەھەر، ناھىيەدىكى يېزىلار، مەكتەپلەر، كارخانىلارغا كىرىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىدە تېزدىن بۇرۇلۇش ياساشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى خەينەننىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشىدىكى بىر گۈزەل ئىسىم كارتىسى. شى جىنپىڭ مۇنبەرنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنىڭ شاھىتى ۋە قوللىغۇچىسى بولدى. بۇ يىل، ئۇ 4-قېتىم مۇنبەرگە قاتناشتى ھەم مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى، بۇ يەردە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، يەر شارىنى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىغا چېتىلىدىغان بىر قاتار جۇڭگو تەشەببۇسى، جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭنىڭ خەينەن خەلقىگە بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقى ئۇنىڭ سەمىمىي نەزىرىگە مۇجەسسەملەندى، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىشلەش ھەرىكىتىدە گەۋدىلەندى.

ئۇ ھەر قېتىم خەينەنگە بارسا، ھەمىشە يېزىلار، مەكتەپلەر، بېلىقچىلىق پىرىستانلىرىنى كۆرىدۇ. شى جىنپىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار مەسىلىسى»نى باشتىن-ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. خەينەننىڭ ئىسسىق بەلباغ يېزا ئىگىلىك بايلىقى ئۆزگىچە ئۈستۈنلۈككە ئىگە، ئۇ « ئىسسىق بەلباغنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئۈستۈنلۈككە ئىگە كەسىپكە ۋە خەينەن ئىقتىسادىنىڭ بىر كوزىرىغا ئايلاندۇرۇش» سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

12-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ 30 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىلۇق ئىسسىققا قارىماي، يۈەن لۇڭپىڭ قاتارلىق يېزا ئىگىلىكى تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرگە، ئېتىز قىرىنى بويلاپ مېڭىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى شالغۇت شالنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، پەن تەتقىقات سوت يېتىشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، باھار ئاپتىپىدىكى شال مايسىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە پەن-تېخنىكا قانىتى ئاتا قىلدى.

12-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، خەينەندە خىزمەت تەكشۈرۈۋاتقان شى جىنپىڭ سەنيادىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى چوڭقۇر دېڭىز ئىلمىي ۋە قۇرۇلۇش تەتقىقات ئورنىغا بېرىپ، «چوڭقۇر دېڭىز پالۋىنى» ناملىق ئادەملىك سۇغا چۆكۈش ئەسۋابى، «دېڭىز قانىتى» ناملىق چوڭقۇر دېڭىز پىلانېرى،« دۇنيانىڭ ئۇ چېتى» نامىلىق چوڭقۇرلۇققا چۆككۈچ قاتارلىقلار ئۈسكۈنىلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

بىپايان جەنۇب ئاسمىنى، دولقۇن مەۋج ئۇرۇپ ئاقماقتا، قەھرىمان جاسارىتىنى نامايان قىلماقتا.

12-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۈستى ھەربىي پاراتى جەنۇبىي دېڭىز ساھىلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

48 ئۇرۇش پاراخوتى دولقۇن يېرىپ سەپەر قىلدى، 76 ئۇرۇش ئايروپىلانى كۆكتە پەرۋاز قىلدى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوفىتسېر-ئەسكەر قەھرىمانلىق جاسارىتىنى نامايەن قىلدى. ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى بولغان شى جىنپىڭ خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ، «تىرىشىپ خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دېڭىز ئارمىيەسى قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن مەردانە چاقىرىقنى چىقاردى.

قىران ياشتىكى خەينەن، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغىنىغا 40 يىل بولغان جۇڭگو يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چوقۇم تېخىمۇ تولۇپ تاشقان غەيرەت-شىجائەت بىلەن، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت شانلىق قىرغاقنى بويلاپ، پالاق ئۇرۇپ ئالغا ئىنتىلىپ، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.