شى جىنپىڭ ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنى كۆزدىن كەچۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-17 10:38

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى 8-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەربىي پەنلەر-ھەربىي ئىشلار ئەمەلىيىتى، ھەربىي ئىشلار ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم كۈچ. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇش، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئۇرۇش مەيدانىغا، قىسىمغا، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، ئىدارە قىلىش بىلەن پەن-تېخنىكىنى يۇغۇرۇش، تەتقىقات بىلەن قوللىنىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئارمىيە بىلەن خەلق يۇغۇرۇلۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ھەربىي پەنلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەربىي پەن تەتقىقات ئورگىنىنى تېرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى-جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم پەن تەتقىقات ئورگىنى بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشتى. بۇ قېتىمقى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قايتىدىن تەشكىللەپ قۇرۇلدى، شى جىنپىڭ بۇلتۇر 7-ئايدا قايتىدىن تەشكىللەپ قۇرۇلغان ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ئارمىيە بايرىقى بەردى ھەم تەلىم بەردى.

سائەت توققۇزدىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەربىي مېدىتسىنا تەتقىقات يۇرتىغا بېرىپ، ئالاقىدار پەن تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. شى جىنپىڭ نۇرغۇن نەتىجىلەرنىڭ دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى، كۆپچىلىكنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يەنىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ ھەربىي مېدىتسىنا تەتقىقات يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئورگىنىغا باردى. شى جىنپىڭ پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئۇ ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئىشلەۋاتقان ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرىنى ئالايىتەن يوقلاپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلدى ھەم ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىلەر پارتىيە ۋە ئارمىيەنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، مەن كۆپچىلىكنىڭ غېمىنى يەپ كەلدىم، كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى يارىتىپ، قوشۇننى ياخشى يېتەكلەپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ ئالاقىدار تارماقلارغا ئىختىساسلىقلارنى تولۇق ھۆرمەتلەپ، ئىختىساسلىقلارغا كۆيۈنۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، جەلپ قىلىش، توپلاش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، بىر خىل ئۆلچەمگىلا ئېسىلىۋالماي، يۇقىرى ساپالىق ھەربىي پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىشنى تاپىلىدى. ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى بىر قاتار كۆرگەزمە تاختىلىرى، بىر قاتار ئەمەلىي بۇيۇملاردا، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەن تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان ئىدى. شى جىنپىڭ بۇلارنى ناھايىتى ئەستايىدىل كۆردى، ئارىلاپ توختاپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سوراپ، پەن تەتقىقات تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىنچىكە ئىگىلەپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى 8-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەربىي پەنلەر تەتقىقاتى ناھايىتى كۈچلۈك ئىزدىنىشچانلىققا ئىگە، يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە ئالىي لايىھەلەشنى ياخشى قىلىپ، ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسى، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسى، ھەربىي پەن تەتقىقات خىزمىتىنى تەشكىللەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ھەربىي پەن تەتقىقاتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش موتورىنى تولۇق قوزغىتىش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىش مەسىلىسىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، زامانىۋى ئۇرۇش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلغار ئۇرۇش قىلىش نەزەرىيەسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزم ھەربىي ئىشلار نەزەرىيەسى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشىمىز؛ ئەمەلىيەتتىن نەزەرىيەگىچە، يەنە نەزەرىيەدىن ئەمەلىيەتكىچە بولغان تۇيۇق ھالقىلاردىن قايتىش يولىنى ئېچىپ، ھەربىي ئىشلار نەزەرىيە تەتقىقاتىنىڭ يىلتىزىنى ئەمەلىيەتنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدىن ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، ئەۋزەل ساھەلەرنى پۇختىلاپ ۋە كۈچەيتىپ، گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك، يىراقنى كۆرەرلىك، قالتىس نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى چىڭىتىش؛ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىستراتېگىيە نېگىزىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى قەتئىي تەۋرەنمەي تېزلىتىپ، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ياشاشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش؛ دىققەتنى ئەمەلىي ئۇرۇشقا قارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەربىي پەن تەتقىقات ساھەسىدىكى سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش؛ نەزەرىيە بىلەن پەن-تېخنىكىنى يۇغۇرۇشنىڭ مەزمۇنى، مېخانىزمى، ۋاسىتىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، نەزەرىيە بىلەن پەن-تېخنىكىنى يۇغۇرۇشنىڭ يولىدا ھەقىقىي ياخشى مېڭىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەڭكەش يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چىڭىتىپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي پەن تەتقىقات خىزمىتىنىڭ چوڭ بىرلەشكەن، چوڭ ماسلاشقان جانلىق ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ شەكىللەندۈرۈش لازىم. ئاخىرىدا مەن مۇنداق بىر نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەنكى، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھەربىي پەن تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پەن تەتقىقات ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات راسخوتىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلىش لازىم. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىشى، كۆپچىلىك زىچ ئۇيۇشۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي پەن تەتقىقات خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تېرىشىپ ئېچىشى لازىم.