شى جىنپىڭ: دېڭىز ئوكياندا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىشەنچىم بار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-06-13 10:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

 جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن شەندۇڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا دېڭىز ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن شەندۇڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۇ ئالدى بىلەن چىڭداۋ دېڭىز ئوكيان پەن تېخنىكا سىنىقى دۆلەت تەجرىبىخانىسىغا بېرىپ، تەجرىبىخانىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زور پەن مەسىلىسى، سىستېمىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە دېڭىز ئوكيان يۇقىرى سەۋىيەلىك جابدۇقلىرىنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساش، دېڭىز ئوكيان ئارمىيە خەلقنىڭ يۇغۇرلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دېڭىز ئوكيان ئىقتىسادى، دېڭىز ئوكيان پەن تېخنىكىسى بىر مۇھىم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يۆنىلىشى بولۇپ، قۇرۇقلۇقتىن دېڭىز ساھىلىغىچە بىزگە نامەلۇم ساھەلەر كۆپ، زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى گۇەن خۇاشې دېڭىز ئوكيان دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئارزۇيۇم جۇڭگونىڭ «كۆك رەڭلىك دورا ئامبىرىنى» يارىتىش. باش شۇجى: بۇ بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز، دېدى.

شى جىنپىڭ تەجرىبىخانىدىن ئايرىلغان چاغدا پەن تەتقىقات خادىملىرى شى جىنپىڭنىڭ قېشىغا كېلىپ باش شۇجىغا سالام بەردى. شى جىنپىڭ دېڭىز ئوكياندا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقايلى. مېنىڭ ئەزەلدىن مۇشۇنداق بىر غايەم بار ئىدى، دېدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دېڭىز ئوكياندا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقايلى. مېنىڭ ئەزەلدىن مۇشۇنداق بىر غايەم بار ئىدى. دېڭىز ئوكيان ئىقتىسادىنى، دېڭىز ئوكيان پەن تەتقىقاتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىزنىڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىستراتېگىيەمىزنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم بىر يۆنىلىش، جەزمەن چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساشقا تايىنىشىمىز كېرەك، دېڭىز ئوكيان ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. كۆپچىلىك غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، شانلىق سەھىپە يارىتايلى، ۋەتەن ئۈچۈن مىللەت ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشايلى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ چىڭداۋدىن ئايرىلىپ پويىزغا ئولتۇرۇپ ۋېيخەيگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، دەرھال پىرىستانغا يېتىپ بېرىپ، پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ۋېيخەيدىكى جياۋدۇڭ پارتىيەۋىيلىك تەربىيە بازىسى ليۇگۇڭداۋ ئوقۇتۇش رايونىغا باردى. ئۇ شىمالى ئوكيان دېڭىز ئارمىيەسى زەمبىرەك سۇپىسىنىڭ ئەسلى ئورنىنى كۆزدىن كەچۈردى، جياۋۇ ئۇرۇشى موزىيى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئۇرۇش تارىخىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش گۈدۈكىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەرگە كېلىپ يېقىندىن ھېس قىلىپ، تەربىيە ئېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ يۈرگەن ئىدىم. ئاگاھلاندۇرۇش گۈدۈكىنى ئۇزۇن ۋاقىت چېلىپ، تارىخىي ساۋاقنى مەھكەم ئېسىمدە ساقلىشىمىز كېرەك، 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.