دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۇۋەيتنىڭ ئەمىرى ساباھ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
0
2018-07-10 09:59:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلھام مامۇت

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئىيۇل خەلق سارىيىدا كۇۋەيتنىڭ ئەمىرى ساباھ بىلەن سۆھبەتلەشتى . ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كۇۋەيت مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ ، يېڭى مەنزىرە يارىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو بىلەن كۇۋەيتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى بىردەك قارار قىلدى.

شى جىنپىڭ ساباھنىڭ 7 - قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى، ھەمدە ساباھنىڭ جۇڭگو كۇۋەيت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى ماختىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كۇۋەيت جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولىدىغان ھەقىقىي ياخشى دوستلار . دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيان ، ئىككى تەرەپ باشتىن ئاخىرى سەمىمىي ، دوستانە ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى. بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش تەڭشەشتەك ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا ، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش - ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، بىرىكىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كۇۋەيتنى پارس قولتۇقى يۆنىلىشىدىكى « بىر بەلباغ ، بىر يول »نى بىرلىكتە قۇرۇش ۋە رايون مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى دەپ قارايدۇ . ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، بىر بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى قەتئىي قوللىشى كېرەك. جۇڭگو كۇۋەيتنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللايدۇ. كۇۋەيت جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر « بىر بەلباغ ، بىر يول »نى بىرلىكتە قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىغان دۆلەت. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، ھەمكارلىق تۈرىدە دەسلەپكى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك . ئېنېرگىيە ، ئۇل ئەسلىھە، پۇل مۇئامىلە، سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى، بىخەتەرلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك . جۇڭگو كۇۋەيت بىلەن ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ ، جۇڭگو بىلەن پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

ساباھ مۇنداق دېدى : جۇڭگو دۇنيا ئېتىراپ قىلغان تىنچلىقنى سۆيىدىغان دۆلەت . كۇۋەيت ئۇلۇغ جۇڭگو بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ۋە زىچ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدۇ. جۇڭگونىڭ ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئادىللىقى ، ھەققانىيلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ ، جۇڭگونى ئىشەنچلىك دوستى ۋە شېرىكى دەپ قارايدۇ. كۇۋەيت بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ . مەن بۇ قېتىملىق زىيارىتىمدە ، مىسلىسىز چوڭ كۆلەمدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كەلدىم ، كۇۋەيت جۇڭگو بىلەن ئۆز ئارا ئىشىنىش ئاساسىدا ، ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى بىلەن ، سىياسىي ، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، بىخەتەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى ، « بىر بەلباغ ، بىر يول »نى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ ، پارس قولتۇقى رايونى ، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كىيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا قاتناشتى. ئىككى تەرەپ يەنە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كۇۋەيت دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى » نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا ساباھ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

1123100748_1531140921811_title0h.jpg
1123101126_1531169467407_title0h.jpg
1123080181_1530713006841_title0h.jpg