يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى
0
2018-08-10 18:07:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : بىز يېشىل تەرەققىيات يېڭى ئىدىيەسىنى ، يېشىل ، تۆۋەن كاربونلۇق ، ئايلىنىشچان،ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك .بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش پۇرسەت بولدى ،بۇ يىل كىرگەندىن بويان، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللىۋېتىش ئىشى تېزلىتىلدى ، مۇھىت سۈپىتى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. يېشىل ئېكولوگىيە تەرەققىيات ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشقا ئەگىشىپ ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سۈپىتى يېتەرلىك بولدى.

بۇ يىل 4-ئاينىڭ 23-كۈنى شەرقىي جۇڭگودىكى بىرىنچى ئېگىز مەش دەپ نام ئالغان مائەنشەن پولات - تۆمۈرى 9 – نومۇرلۇق ئېگىز مەش 65 يىل ئىشلىتىلگەندىن كېيىن مەڭگۈلۈك توختىتىلدى . مائەنشەن پولات - تۆمۈر پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىككىنچى تۆمۈر تاۋلاش زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى چېن يىشىن مۇنداق دىدى: ئىلگىرىكى قىزىل بايراق مېشى بىلەن خوشلىشىپ، تەرەققىيات داۋامىدىكى باش ئاغرىقى ساقايدى؛ قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن ئىبارەت بوغچىنى تاشلىۋەتكەندىلا كارخانىلار ئەركىن ئىش قىلالايدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مائەنشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ سېتىش كىرىمى تەخمىنەن 43 مىليارت 600 مىليون يۈەنگە يەتتى ، پايدىسى بىر قاتلاندى .

چېن يىشىن مۇنداق دېدى: ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈگىتىلدى ، تاقالغان ئەڭ ئاخىرقى ئېگىز مەشنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 1 مىليون 100 مىڭ توننىغا يەتتى، بۇ مائەنشەن پولات – تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ تەننەرخى يۇقىرى، مۇھىت ئاسراش شارائىتى ناچار ، ئۈسكۈنە ئەھۋالى ناچار پولات تاۋلاش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىدىن تامامەن چېكىنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشقا قاراپ ئۆزگىرىشىنى تىلغا ئالغاندا مۇنداق دېدى: چوقۇم چىشىنى چىشلەپ ، بۇ تۆپىلىكتىن يامىشىپ ئۆتىشىمىز، بۇ قىرغا قەدەم بىسىشىمىز لازىم. ھەر بىر كەسىپ ، ھەر بىر كارخانا بۇ يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي ئالدىغا قاراپ مېڭىشى كېرەك. قانداق قىلغاندا تۆپىلىككە يامىشىپ چىقىپ قىرلاردىن ئۆتكىلى بولىدۇ ؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭ جاۋابى يېشىل تەرەققىيات دېدى .

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى : ئەزىمەتلەرگە خاس جاسارەت بىلەن يۇقىرى بۇلغىمىلىق ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشى يۇقىرى كەسىپلەر ۋە كارخانىلارنى كەسكىنلىك بىلەن شاللىۋىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا بوشلۇق يارىتىپ، يېشىل تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

يېشىل تەرەققىيات ھېساباتىدىكى ھېساب قىسقا ۋاقىتلىق ئىقتىسادىي مەنپەئەت بولماستىن، بەلكى ئۇزۇن مەزگىللىك مۇھىت ئىجتىمائىي ئۈنۈمى .

خېبينى مىسالغا ئالساق ئالدىنقى يېرىم يىلدا خېبېي ئۆلكىسى 35 توننىلىق ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كۆمۈر يېقىلغۇلۇق پار قازانىدىن 2503 ئى شاللىۋەتتى. تارقاق ، قالايمىقان، بۇلغايدىغان 13 مىڭ 51 كارخانىنى تەكشۈرۈپ رەتكە سالدى. كونا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدىن 79 مىڭ 915 نى شاللىدى. بۇ كەسكىن تەدبىرنىڭ تۈرۈتكىسىدە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئالتە ئايدىكى ئوتتۇرىچە PM 2.5 قويۇقلۇقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 17.8 تۆۋەنلىدى ، ئېغىر بۇلغانغان كۈن ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11 كۈن ئازايدى. شىجياجۇاڭ لۇچۈەن رايونى پەن - تېخنىكا ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ جېنپىڭ مۇنداق دېدى: مۇھىتنى بۇلغىماي تەرەققىياتنى جانلاندۇرۇش، خېبېي ئىقتىسادىنىڭ يېشىل تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى تېخىمۇ تولۇقلىدى.

جاڭ جېنپيڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز پەن - تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا ، كىچىك كارخانىدىن 120نى يېتىشتۈردۇق،بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان بىر يىل بولدى،كەسىپ قاتلىمىمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلىدى .

بۇ يىل كىرگەندىن بويان، مۇھىت ئاسراش سىياسەت - تەدبىرلىرى داۋاملىق ئارقا - ئارقىدىن يولغا قويۇلدى .جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 6 - ئايدا « ئېكولوگىيە مۇھىت ئاسراشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر »نى ئېلان قىلدى. ئېكولوگىيە مۇھىت ئاسىراش مىنىستىرلىقى ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، قاتناش مىنىستىرلىقى قاتارلىق مەسئۇل تارماقلار يېقىندا كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلبە قىلىش ھەرىكەت لايىھەسىنى ئارقا - ئارقىدىن چىقاردى . بۇنىڭدىن كېيىن، نۇقتىلىق رايونلاردا پولات - تۆمۈر ، كوكسلاشتۇرۇش، ئاليۇمىننى ئېلېكترولىزلاش ، قۇيۇپ ياساش، سېمونت ۋە تاختا ئەينەك قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇقتىلىق رايونلاردا ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش ئۆلچىمى ئۆستۈرىلىدۇ . بېيجىڭ، تيەنجىن ، خېبېي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى رايونلار 2018 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تارقاق، قالايمىقان ، بۇلغايدىغان كارخانىلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك تاماملايدۇ.

بۇلغىشى ئېغىر، ئۈنۈمى تۆۋەن، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تېز شاللۋېتىلىدۇ. تېخىمۇ كەڭبازار بوشلۇقى قالدۇرىلىدۇ . گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى بايلىق ۋە مۇھىت سىياسىتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چاڭ جىۋېن مۇنداق دېدى : بىز مۇھىت ئاسراش بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا ماڭدۇق .

چاڭ جىۋېن مۇنداق دېدى: مۇھىت ئاسراش تەلىپىگە ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بەزى كارخانىلار شاللىۋېتىلىدۇ. چىقىرىلغان بازار ئۈلۈشى تېخنىكىغا بىر قەدەر ئىلغارلىق يارىتىپ، مۇھىت ئاسراش ئىقتىدارى بار چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى باج يېغىشقا ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بىر قەدەر زور دەرىجىدە ئۆسكەن؛بۇ كارخانىنىڭ پايدىسى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يەنە ئالدىغا بىر قەدەم باسقانلىمىزمنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

دۆلەتلىك تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى ماكرو ئىگىلىك تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چاڭلىن دېدى : جۇڭگو ياسىمىچىلىق سېتىۋېلىش دىرېكتورلىرى كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە ، بۇ يىل 6-ئايغىچە مەزكۇر كۆرسەتكۈچ ئۇدا 23 ئاي 50 % تىن يۇقىرى ئېشىش ئارىلىقىدا بولغان ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ ئۆسىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا ، جۇڭگو ئىقتىسادىمۇ ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغان .

ۋاڭ چاڭلىن مۇنداق دېدى : سانائەت تەرەققىيات ۋەزىيىتىمىزدە سان بىلەن سۈپەت تەڭ ئېشىش ، ئېشىش سۈرئىتى ئۆرلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. تەرەققىياتىمىزنىڭ سۈپەت ، ئۈنۈمى ئۆستى ، قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى .

باش شۇجى شى جىنپىڭ 5 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە مۇھىت ئاسراش يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : « يېشىل تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ، بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ تەدبىرى . بۇنىڭدىكى نۇقتا ئىقتىساد قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، دۆلەت زېمىنى بوشلۇقىنى ئېچىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ ، رايون ۋە ۋادىلاردىكى كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى تەڭشەپ ، ئېنېرگىيە تېجەش مۇھىت ئاسراش كەسىپلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە زورايتىش ، پاكىز ئېنېرگىيە كەسپى ، بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تېجەش ۋە ئۇنىڭدىن قايتا پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش .

مۇئاۋىن ئېكولوگىيە مۇھىت مىنىستىرى جاۋ يىڭمىن مۇنداق دېدى : كەلگۈسىدە يېشىل تەرەققىيات ئېلىپ كېلىدىغان بەخت تۇيغۇسى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ .

جاۋ يىڭمىن مۇنداق دېدى: PM 2.5 قويۇقلۇقىنى يەنىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى ، تىرانسپورت قۇرۇلمىسى ۋە يەر ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەش لازىم . تۈرلۈك سىياسەت ، تەدبىرلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مۇھىت ئاسراش ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا جەزمەن زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.#

U020180810343428840396.jpg
U020180810342265350437.jpg
00350408663_i1000420000277be_14fb58ec.jpg
U020180810338884100588.jpg
U020180808360731080604.jpg