شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى
0
2018-09-12 16:20:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلھام مامۇت

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىلادىۋوستوكتا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ يىل كىرگەندىن بويان، جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئاكتىپ تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇش، تېخىمۇ تېز راۋاجلىنىشتەك يېڭى دەۋرگە كىردى.ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بويان، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا بېيجىڭ ۋە جوھاننسبورگتا مول ئۈنۈملۈك ئۇچراشتىم .جۇڭگو بىلەن رۇسىيە يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ۋە ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئۆزلىرىنىڭ دىپلوماتىيەسىنىڭ كۈن تەرتىپىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئايلانماقتا. ئىككى تەرەپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى ۋە تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاپ، چوڭ دۆلەتلەر ۋە قوشنا دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە، « بىر بەلباغ بىر يول » ۋە ياۋروپا ـ ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردىكى پەن - تېخنىكىنى ئورتاق تەتقىق قىلىپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى جۇڭگو ـ رۇسىيە يەرلىك ھەمكارلىق ئالاقە يىلىدىن ياخشى پايدىلىنىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

پۇتىن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ھەم قىزغىن قارشى ئالىمەن. مېنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلىغانلىقىم رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ بىر بىرگە بولغان ئىشىنىشى بارغانسېرى كۈچەيدى، سىياسىي، ئىقتىسادى، خەۋپسىزلىك قاتارلىق كەڭ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.ئىككى تەرەپ، ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى ۋە بىر بەلباغ، بىر يولنى تۇتاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، ئالەم ئاۋىياتسىيەسى، پۇل مۇئامىلە، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يەرلىكلەرنىڭ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتكە بولغان قارىشى نۇرغۇن جەھەتلەردە بىردەك، ئىككى تەرەپ خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىر تەرەپلىمىچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى .سۆھبەتتىن كېيىن مۇخبىرلار بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشكەندە، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە ئاساسلىق گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلىتى بولۇپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە، خەلقئارا ئىشلاردا ياخشى ھەمكارلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە زىچ ئالاقىلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە، قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قەتئىي قوغداپ، بىر تەرەپلىمىچىلىك ئىدىيەسى ۋە سودا قورۇقچىلىقىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىرلىكتە كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

1.jpg
微信图片_2.jpg
1123396771_1536314358909_title0h.jpg
1123397530_1536333595423_title0h.jpg