شى جىنپىڭ مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
0
2018-10-11 16:24:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :كۈنتېكىن ئىمام

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئېلىمىزنىڭ تەبىئىي ئاپەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولى پىلان قۇرۇلۇشى تەتقىق قىلىندى.

شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەبىئىي ئاپەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش دۆلەت ئىقتىسادى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش، شۇڭا ئۈنۈملۈك، ئىلمىي بولغان تەبىئىي ئاپەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاپەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك؛ سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولىنى پىلانلاپ قۇرۇش دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ ئىشنى چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېلىمىز دۇنيادىكى تەبىئىي ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېلىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈش چوڭ ئىشلارنى قىلىشتەك سىياسىي ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جەھەتتە دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېلىمىزنىڭ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارى ئومۇمىي جەھەتتىن سەل ئاجىز، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئىككى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان چوڭ سىناق، شۇڭا بۇنى ئىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۆت ئاڭنى پۇختا تىكلەپ، بەشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش، مۇداپىئەلىنىش، قۇتقۇزۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە، دائىملىق قۇتقۇزۇش بىلەن ئالاھىدە پەيتتە قۇتقۇزۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپەت زىيىنىنى ئومۇميۈزلۈك ئازايتىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ زىيىنىگە بىر تۇتاش تاقابىل تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەر تەڭ تۇتۇپ، تەڭ باشقۇرىدىغان، ماسلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش قېلىپى شەكىللەندۈرۈش؛ ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش؛ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان مۇناسىۋەت ئورنىتىش؛ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ خېيىم-خەتىرى ۋە زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە تىرىشىپ چۈشۈرۈش؛ ئىسلاھات ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش سىستېمىسى، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلقئارا ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھالقىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى كۆزدە تۇتۇپ، نۇرغۇن مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاپەت خەتىرىنى تەكشۈرۈش ۋە نۇقتىلىق يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يوشۇرۇن خەپنىڭ يىلتىزىنى ئىگىلەش؛ نۇقتىلىق ئېكولوگىيە ئىقتىدار رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئورمان، يايلاق، كۆل-دەريا، ھۆللۈك، قۇملۇق، دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ دېڭىز قىرغىقىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك دېڭىز توسمىسى بەرپا قىلىپ، تەيفىڭ بورىنىغا، بوران چاپقۇنلۇق دولقۇن قاتارلىق دېڭىز ئوكيان ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاسان يەر تەۋرەيدىغان رايونلاردىكى ئۆيلەرنى پۇختىلاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەش ۋە ئاپەتتىن ساقلىنىپ ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 13-بەش يىللىق پىلاندىكى گېئولوگىيەلىك ئاپەتتىن ساقلىنىپ كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ قۇتقۇزۇش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، نۇرغۇن رايون خاراكتېرلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇپ قۇتقۇزۇش مەركىزى قۇرۇش؛ تەبىئىي ئاپەت زىيىنىنى كۆزىتىش، ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كۆپ خىل ئاپەت ۋە ئاپەت زىيىنىنى ئۇنىۋېرسال كۆزىتىش، خەتەرنى دەسلەپكى مەزگىلدە پەرقلەندۈرۈش ۋە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تەبىئىي ئاپەت زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تېخنىكا-جابدۇقلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ھالقىلىق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ قۇتقۇزۇش قوشۇنىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسى، تېخنىكا جابدۇق سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولىنى پىلانلاپ قۇرۇش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، چېگرانىڭ مۇقىملىقىنى پۇختىلاشنىڭ ئېھتىياجى، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. شۇڭا ئىلمىي پىلانلاش، تېخنىكىنى تىرەك قىلىش، ئېكولوگىيە قوغداش، بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك بولۇشتەك ئومۇمىي تەپەككۇرنى توغرا پەملەپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك خىزمىتىنى چىڭىتىپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈش مەبلىغىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئىككى يول روھى ۋە چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈريولى روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، پىلان قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

1.jpg
111.jpg
00350510100_i1000420000277be_1a68d0c6.jpg
U020181009380840388701.jpg
U020181009381637806708.jpg