شى جىنپىڭ شاڭخەيدە خىزمەت تەكشۈردى
0
2018-11-08 17:14:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

شى جىنپىڭ شاڭخەيدە خىزمەت تەكشۈرگەندە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قايتىدىن يولغا چىقىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، شەھەرلەرنىڭ دەرىجىسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تېزدىن ئۆستۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شاڭخەيدە خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قەتئىي، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە قايتىدىن يولغا چىقىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى چىڭىتىپ، مۇقىم ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى ياخشى قىلىپ، شەھەرلەرنىڭ دەرىجىسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تېزدىن ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئومۇملىقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئۈلۈشكۈن ۋە تۈنۈگۈن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىن كېيىن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چياڭ ۋە شەھەر باشلىقى يىڭ يۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، شاڭخەيدىكى كارخانا، مەھەللە، شەھەر يۈرۈشتۈرۈشنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مەركىزى، يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكا باغچىسىغا بېرىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، پەن-تېخنىكىدا تېخىمۇ يېڭىلىق يارىتىش، شەھەر باشقۇرۇش ۋە مەھەللە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

لۇجيازۈيدىكى شاڭخەي مەركىزىي بىناسىنىڭ ئومۇمىي ئېگىزلىكى 632 مېتىر كېلىدۇ، پۈتۈپ بولغان جۇڭگودىكى تۇنجى، دۇنيادىكى 2-ئېگىز بىنا، شاڭخەيدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئىمارەت. شى جىنپىڭ 2007-يىلى شاڭخەيدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، شاڭخەي مەركىزىي بىناسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم لۇجيازۈي رايونىغا بېرىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان، لۇجيازۈي رايونىنى پىلانلاشنى ئۆزى تەتقىق قىلغان، شاڭخەي مەركىزىي بىناسىنىڭ لايىھەسىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي مەركىزىي بىناسى قۇرۇلۇشىنى يېشىل، ئەقلىي، ئادىمىيەتلىك خەلقئارانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى قالتىس قۇرۇلۇش قىلىپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان. بىنانىڭ 22-قەۋىتىدىكى لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت مەركىزى-لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە سودا رايونى ئۇنىۋېرسال پارتكومى قۇرۇغان ئىمارەت پارتىيە قۇرۇلۇشى بازىسى ئىدى. ئۈلۈشكۈن چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، مەركەزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ بوشلۇق گۈللۈكىدىكى مۇھاكىمە، ئالماشتۇرۇش رايونىدا، ئۈچ كارخانىنىڭ پارتىيە ياچېيكىلىرى «مەن پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىمەن» باش تېمىسىدىكى پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈۋاتاتتى، شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ شاڭخەينىڭ لۇجيازۈي پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسىگە كەسىپ، كارخانا، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، مۇجەسسەملەش ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ تەپەككۇرى ۋە ئەندىزىسىنى يېڭىلاپ، ئىمارەتنىڭ ئىچىدىكى تۈرلۈك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆگىنىش جەھەتتىن يېتەكلەش، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى، پائالىيەت سەھنىسى بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىمارەت پارتىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە، سىلەر ئالدىن ئىزدىنىپسىلەر، بىر قەدەر قېلىپلىشىپتۇ. سىلەر خېلى زور نەتىجە، ئۈنۈمگە ئېرىشىپسىلەر. مەن سىلەرنىڭ بۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملىق ئىزدىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ قىيىن نۇقتىسى ئاساسىي قاتلامدا، يارقىن نۇقتىسىمۇ ئاساسىي قاتلامدا. ئىقتىسادىي تەركىب ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ بارغانسېرى كۆپ خىللىشىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى ئىقتىساد تەشكىلاتلىرى، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان پارتىيە ئەزالىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىدا، ھەم ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇش ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭى ۋەزىيەتكە ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلىشىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ساھەسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى قەيەردە ئىشلىسە، تۇرمۇش كەچۈرسە، پارتىيە تەشكىلاتى شۇ يەرنى قاپلاپ، پارتىيە ئەزالىرىنى قەيەرگە بېرىشىدىن قەتئىينەزەر تەشكىلنى، ماكانىنى تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش لازىم. بىزنىڭ پارتىيە ئەزالىرى بار تۈرلۈك كارخانىلاردا پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇشىمىز-كارخانىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، خىزمەتچىلەرنى ئىنتىزام، قانۇنغا رىئايە قىلىش، كارخانىنىڭ قائىدە-تۈزۈمىگە بويسۇنۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇمۇ كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پايدىلىق.

ئارقىدىن شى جىنپىڭ 119-قەۋەتتىكى كۆرۈش زالىغا كېلىپ، شاڭخەينىڭ شەھەر قىياپىتىنى ئېگىزدىن كۆردى. شەرق مەرۋايىتى، يەر شارى پۇل-مۇئامىلە مەركىزى، جىنماۋ بىناسى، ياڭپۇ چوڭ كۆۋرۈكى، دۇنيا كۆرگەزمىسى باغچە رايونى قاتارلىق ئېسىل ئىمارەتلەر ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان ئىدى.

زالدىكى قاتار تىزىلغان رەسىملەردە ئۆتمۈش بىلەن ھازىر سېلىشتۇرۇلۇپ، شاڭخەينىڭ يۈز يىلدىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشى جانلىق تەسۋىرلەنگەن ئىدى. شى جىنپىڭ پات پات توختاپ رەسىملەرنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، شاڭخەينىڭ شەھەر تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، شاڭخەي بۇنىڭ جانلىق مىسالى. شاڭخەي ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد مەركىزى شەھىرى ۋە چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى ھەمكارلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ باشلامچىسى، شەھەرنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش. «سىغدۇرۇش، ئالاھىدىلىكنى قوغلىشىش، تەرەققىيپەرۋەر-پاراسەتلىك بولۇش، خۇشپېئىل بولۇش» تەك شاڭخەي شەھەر روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، مەۋقەنى شاڭخەينىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتىپ، دۇنيادىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارالىق چوڭ شەھەرنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

شاڭخەي خۇڭكوۋ رايونىدا نوپۇس ناھايىتى زىچ بولۇپ، خۇڭكوۋ رايونى ئاھالىلەرنىڭ مەھەللە تۇرمۇشىدىكى تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 35 شەھەر ئاھالىسى پونكىتى تەسىس قىلىپ، «15 مىنۇتلىق مەھەللە تۇرمۇش مۇلازىمىتى چەمبىرىكىنى» تىرىشىپ بەرپا قىلدى. شى جىنپىڭ خۇڭكوۋ رايونلۇق شەھەر ئاھالىسى پونكىتى جياشىڭ كوچىسى1- پونكىتىگە بېرىپ، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كۆزنىكى، ياشانغانلارنى بېقىش ئورنى، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت پونكىتى قاتارلىقلارنى بىرمۇ بىر كۆزدىن كەچۈردى. ياشانغانلارنى بېقىش ئورنىدا، بىر نەچچە ياشانغان كىشى قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇمى ياساۋاتتى، باش شۇجى ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېلىمىز قېرىلىشىش جەمئىيىتىگە كىردى، ياشانغانلارنى كۈتۈنۈشكە ئېرىشتۈرۈش ، تۇرمۇشى بەختلىك بولۇش، ساغلام ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرمەكتە، سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياشانغانلارغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.

شەھەر ئاھالىسى پونكىتىدا، ئاھالىلەر كومىتېتى، كارخانىدىن كەلگەن بىر قانچە ياش مەھەللىنىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ ئىنتايىن قىزىققان ھالدا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەخلەتلەرنى ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىش ئومۇم خەلقنىڭ قاتنىشىشىغا موھتاج، شاڭخەي بۇ خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ ياخشى قىلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ ئۇلارغا مۇنۇلارنى تاپىلىدى: شەھەرنى تۈزەشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى مەھەللىلەردە. مەھەللە- پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئامما بىلەن ئالاقىلىشىدىغان، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان مۇھىم جاي. مەھەللە ئاھالىلەرنىڭ غەم-قايغۇسىنى ۋاقتىدا سېزىپ، بىرمۇ بىر ھەل قىلىشى كېرەك. ئاممىنىڭ كۆڭلىدە تارازا بولىدۇ. بىز ئاممىنى كۆڭلىمىزگە پۈكسەك، ئاممىمۇ بىزنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ. مەھەللىلەرنى تۈزەشنى كۈچەيتىشتە ھەم ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك ھەم ئاھالىلەرنىڭ ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپ، ھەممە ئادەمنى قاتناشتۇرۇپ، ھەممە ئادەم مەسئۇل بولۇپ، ھەممە ئادەم خالىسانە تەقدىم قىلىپ، ھەممە ئادەم تەڭ بەھرىلىنىدىغان قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ مېڭىش ئالدىدا يېتىپ كەلگەن ئاھالىلەر باش شۇجىنىڭ يېنىغا كېلىپ، باش شۇجى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ شەھەر يۈرۈشتۈرۈش ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مەركىزىگە كەلدى، چوڭ ئېكران ئارقىلىق شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە خەلقئارا سودا كۆزنىكىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەھەرنى تۈزەش دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. 1- سەپتىكى شەھەرلەرنى 1- دەرىجىلىك قىلىپ تۈزەش، ئىلمىيلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئەقلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ چىقىرىش كېرەك، ھەم زامانىۋى پەن تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەقلىيلەشتۈرۈشكە ماھىر بولۇش ھەم كەشتە تىككەندەك ئىنچىكىلىك، سەۋرچانلىق، چېۋەرلىك بىلەن ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرنىڭ سۈپەت ماركىسىنى يارىتىش كېرەك. شاڭخەي داۋاملىق ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدە چوڭ شەھەر باشقۇرۇش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىپ، شەھەرنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ياڭشەن پورتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، بۇ يەردە ئۇ ياڭشەن پورتىدىكى 4-قارار ئاپتوماتلاشتۇرۇش پرىستانىدىكىلەر بىلەن ۋىدېيو ئارقىلىق كۆرۈشۈپ پىرىستاننىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىقتىساد جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جەزمەن دېڭىز ئوكيان جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت، سۇ تىرانسپورتى جەھەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ياڭشەن پورتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى شاڭخەينىڭ خەلقئارا سۇ تىرانسپورت مەركىزى ۋە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشى، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىگە تېخىمۇ ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن ئىشلارنى ئەڭ ياخشى قىلىپ، دۇنيا بويىچە تېخىمۇ كۆپ 1-لىكلەرنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ شاڭخەينىڭ ياڭشەن پورتىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇمشاق مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پورتنىڭ يۈرۈشۈش، باشقۇرۇش ئىقتىدارى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشى، «بىر بەلباغ بىر يول»نى بىرلىكتە بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى.

جاڭجياڭ ئىلىم-پەن شەھەرچىسى شاڭخەي پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ يادرولۇق رايونى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا ئېگىزلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر تۈركۈم ئىلىم-پەن ئەسلىھەلىرىنى سەپلىدى، ئىلىم-پەن سۇپىلىرى ۋە ئىلغار يېڭىلىق يارىتىشچان تەتقىقاتخانىلارنى جەلپ قىلدى. شى جىنپىڭ كۆرسىتىش زالىدا ئىلىم-پەن شەھەرچىسىنىڭ تەرەققىيات جەريانى ۋە پىلانلاپ قۇرۇش ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، چوڭ ئىلىم-پەن ئەسلىھەلىرى، يىغما توك يولى، ئالەم قاتنىشى، ئاۋىياتسىە، بىيو دورا قاتارلىق كۆرسىتىش رايونلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن-تېخنىكا ئەزەلدىن بىر دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ باقمىغان، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە بەخت-سائادىتىگە ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ باقمىغان. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، كونا-يېڭى قۇۋۋەتنى ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەققىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي تەتقىقات ۋە قوللىنىش ئاساسىي تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەت قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جاڭجياڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەتلىك ئىلىم-پەن مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن دۇنياغا نەزەر تاشلىغان ھالدا، خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، مەۋقەنى خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيەلىك تەجرىبىخانا، پەن-تەتقىقات يۇرتى، تەتقىق قىلىپ ياساش ئورگىنى، تەتقىقات خاراكتېرىدىكى داشۆ قۇرۇپ چىقىشقا قارىتىپ، دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زور پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى توپى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، شاڭخەينىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ شاڭخەينىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ سەركەردىسى، يېڭى يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، ئەڭ ئېغىر يۈكنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يول باشلىغۇچى ئاۋانگارت، ئۈلگە كۆرسىتىش يېتەكچىسى، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلغۇچى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس، بۇنى قۇرۇق گەپ بىلەن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، چوقۇم نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىشىمىز لازىم. بىز نى-نى ئىشلارنى قىلالايدىغان تارىخىي پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، كەلگۈسىمىز ناھايىتى پارلاق، ئەممە خىرىسمۇ ناھايىتى كەسكىن. ھازىر ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ تاشقى مۇھىتىدا روشەن ئۆزگىرىش بولدى، ئېلىمىز ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشتىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا كىردى، تەرەققىيات تەڭپۇڭ، تولۇق بولماسلىق مەسىلىسى ۋە ھەر خىل دەۋرىيلىك، قۇرۇلمىلىق، تۈزۈلمىلىك ئامىللار گىرەلىشىپ، خىزمەت قىيىنلاشتۇرىۋەتتى. لېكىن، بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلساقلا بېكىتكەن نىشاننى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەي پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇملۇقىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، شاڭخەينىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتە ئومۇملۇق ئېڭى، ئومۇمىيلىق قارىشى بولۇشى، پۈتۈن مەملىكەتكە مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا شاڭخەينى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ شاڭخەينىڭ خىزمەتلىرىگە مۇنداق بەش تەلەپ قويدى. بىرىنچى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئومۇملىقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش. ئىككىنچى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئۈچىنچى، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش. تۆتىنچى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. بەشىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش.

خىزمەت تەكشۈرۈش جەريانىدا، شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تۇرۇلۇش قىسىمنىڭ مۇئاۋىن شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە تۈەن دەرىجىلىك ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ بارلىق ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

11111111111.jpg
333333333333.jpg
555555555.jpg
4444444444444.jpg