شى جىنپىڭ پانامادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى
0
2018-12-03 17:07:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى پاناما شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، پاناما جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

شۇ جاي ۋاقتى سائەت 20 لەردە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان پاناما شەھىرى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىققاندا، پاناما زۇڭتۇڭى بارېرا ۋە رەپىقىسى كاستىللو ئايروپىلان شوتىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە رەپىقىلىرى قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆز ئارا ئەھۋال سورىدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى يېنىدا تۇردى.

بارېرا ئايرودۇرۇمدا شى جىنپىڭنى داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە رەپىقىلىرى قىزىل پاياندازنى بويلاپ پارات مۇنبىرىگە چىقتى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن پانامانىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ بارېرانىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈردى.

يەرلىك ئۇسسۇلچىلار شادىيانە مىللىيچە ئۇسسۇل ئوينىدى، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر گۈللەر ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، يىراقتىن كەلگەن جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن قەدىمىنى توختىتىپ ئۇلارغا زوق بىلەن قارىدى ھەم قول ئىشارىتى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ-مېنىڭ تۇنجى قېتىم پانامادا زىيارەتتە بولۇشۇم شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم پانامادا زىيارەتتە بولۇشى. مەن جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن پاناما خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ھەم ياخشى تىلىكىمنى بىلدۈرىمەن. بىر يېرىم يىل بۇرۇن، جۇڭگو بىلەن پاناما بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئاساسىدا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ 160 نەچچە يىللىق ئالاقە تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. جۇڭگو بىلەن پاناما دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى پۇختا ئىلگىرىلىدى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. ئەمەلىيەت-جۇڭگو بىلەن پانامانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى، جۇڭگو-پاناما ھەمكارلىقىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن زىيارەت مەزگىلىدە، زۇڭتۇڭ بارېرا بىلەن سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو-پاناما مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى پىلانلاپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ئاتا قىلىشنى كۈتمەكتىمەن. شى جىنپىڭ-ئارگېنتىنادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن پاناماغا يېتىپ باردى. بۇئېنۇس ئايرېستىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى ئايرودۇرۇمغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى. پاناما-شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ 3-بېكىتى. شى جىنپىڭ يەنە پورتۇگالىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

 

b01.jpg
b02.jpg
b03.jpg
b04.jpg