جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يېزا ئاساسى قاتلام تەشكىلاتى خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى
0
2019-01-11 16:41:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلنۇرە رەھىمبەگ

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ رايونلار، تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: يېزا ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ۋەزىيەت ۋەزىپىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، 1999-يىلى 2-ئايدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى خىزمىتى نىزامى» يېڭى تەلەپ ۋە ئەمەلىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا پۈتۈنلەي ماسلىشالماي قالدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە، يېزا ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشماقتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھەل قىلغۇچ جەڭ ئېلان قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى يېزىلار، كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار ئىستىھكاملىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچلۈك سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «نىزام» يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي قوللانمىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، پارتى گۇرۇپپىلىرى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدا تەۋرەنمەسلىكتە قەتئىي چىڭ تۇرۇشى، بولۇپمۇ ناھىيە دەرىجىلىك يەرلىك پارتكوملار پارتىيەنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى پارتىيەنى باشقۇرۇش پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەسئۇلىيەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، «نىزام»نىڭ ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىزچىل ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

1123968926_15470757598571n.jpg
W020190111543814559635.jpg