شى جىنپىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 32-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
0
2019-02-11 15:43:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 10–كۈنى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 32-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەددىس ئەبىبەدە ئېچىلغانلىقىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئافرىقا ئىتتىپاقى ئافرىقىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى بايرىقى. ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئافرىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئافرىقا دۆلەتلىرى مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە داۋاملىق بىردەك پوزىتسىيە بىلدۈردى، ئافرىقىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. مەن بۇنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تېخىمۇ زور يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرىشىگە چىن دىلىمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مەن ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن پائالىيەتلەرگە بىرلىكتە قاتنىشىپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن پىلان تۈزدۇق. جۇڭگو ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 2063-يىللىق قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى ۋە ئافرىقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن چوڭقۇر باغلاشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

企业微信截图_20190204133129.png
1413624012.jpg