شى جىنپىڭ ئالتە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، خەلققە بولغان مېھرى مۇھەببىتىنى نامايەن قىلدى
0
2019-03-15 10:53:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەت

بۇ يىللىق ئىككى يىغىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئالتە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. شى جىنپىڭنىڭ بىرقانچە قېتىملىق سۆزىگە خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسى باشتىن ئاخىرى سىڭدۈرۈلدى، شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى مۇھىم سۆزىنى قايتا ئەسلىگىنىمىزدە، ئۇنىڭ خەلققە بولغان مېھرىي مۇھەببىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز.

3- ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن شى جىنپىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ئىككىنچى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەدەبىيات سەنئەت ساھەسى، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلاپ: خەلقنى مەركەز قىلىش، خەلققە ئېسىل ئەسەرلەرنى يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەدەبىيات سەنئەت ئىجادىيىتى، پەلسەپە ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتىدا ئالدى بىلەن كىم ئۈچۈن ئىجادىيەت قىلىش، كىم ئۈچۈن سۆزلەش مەسىلىسىنى ئېنىق بىلىۋېلىش كېرەك، بۇ تۈپ مەسىلە.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق ئىجادىيەتنىڭ مەنبەيى، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقاندىلا ئاندىن ئىجادىيەتنىڭ تۈگىمەس بۇلىقىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مەدەنىيەت، ئەدەبىيات سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈزىتىپ، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ، خەلقنى چىن قەلبى، چىن مۇھەببىتى، پۈتۈن تىرىشچانلىقى بىلەن يېزىشى، تەسۋىرلىشى، مەدھىيلىشى كېرەك. پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى كۆپرەك ئەمەلىي تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ئىدىيە تومۇرىنى تۇتۇپ، ئاممىنىڭ تەلىپى، دەردۇ ھالىغا ئەھمىيەت بېرىپ، قائىدىنى شەرھلەپ، ئىلىمنى ئاممىنىڭ يۈرىكىدە قالدۇرۇشى كېرەك.

3- ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن شى جىنپىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسىلىسى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېكولوگىيە ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي يەنە شىمالىي جۇڭگو، شەرقى جۇڭگو، غەربىي شىمال رايونى ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل، يارقىن مەنزىرە لىنىيەسىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ ئاخىرىدا يەنە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشلامچىلىق بىلەن تېجەشلىك كۈن ئۆتكۈزۈشىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئادەم يەپ ئىچىشتىن ئەمەس پەمسىزلىكتىن بىر ئۆمۈر نامرات ئۆتىدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشلامچىلىق بىلەن تېجەشلىك كۈن ئۆتكۈزۈشىنىڭ مەقسىتى ـــ پۇقرالارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش، بۇنى پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە خاراكتېرى بەلگلىگەن. مەيلى دۆلىتىمىز تەرەققىي قىلىپ قانچىلىك سەۋىيەگە، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ قانچىلىك دەرىجىگە يەتسۇن، جاپالىق كۈرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇش ئىدىيەسىنى مەڭگۈ يوقۇتۇپ قويساق بولمايدۇ. جاپالىق كۆرەش قىلىش، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇش بىزنىڭ مېڭىپ، ھازىرغىچە كېلىپ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى شۇنداقلا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يەنە شەرەپ قۇچىشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

3- ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن شى جىنپىڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى چۆرىدەپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2020-يىلى چوقۇم غەلىبە قىلىش، ياخشى قىلىش كېرەك بولغان بۇ قاتتىق جەڭ ھەققىدە ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامرات بولمىغان ناھىيە، كەنتتىكى نامرات نوپۇسنى قوللاشنى كۈچەيتىش، نامراتلارنى يۆلەش بىلەن نامراتلارنى ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن نوپۇس ۋە يېڭىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن نوپۇسقا ۋاقتىدا ياردەم بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامرات ناھىيەلەر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، يۈكتىن قۇتۇلدۇق دەپ، بىراقلا ھەممىنى تاشلاپ توختاپ قالسا بولمايدۇ، قالغان نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىنى داۋاملىق ھەل قىلىپ، قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىغان بىلەن مەسئۇلىيەتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، سىياسەتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، يۆلەشنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چۆرۈپ تاشلىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، شۇ كۈنى دەل 3-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى بولغاچ باش شۇجى ئالايىتەن بارلىق ئايال قېرىنداشلارغا ياخشى تىلىكىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى سۆزىدە باش تېمىنى يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېزا ئىگىلىك، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى قىلىشقا مەركەزلەشتۈردى. نەق مەيداندىكى ۋەكىللەر دېھقانلارنىڭ 8 ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شى جىنپىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: مەن دائىم نامرات رايونلارغا، يېزىلارغا بارغىنىمدا ھەمىشە؛ سىلەرنىڭ قانداق تەلىپىڭلار بار دەپ سورايمەن، سىلەر بۈگۈن دېگەن مەسىلىمۇ دەل بىزنىڭ بارلىق دېھقانلىرىمىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىش تەلىپى. بەزىلىرىنى باشلاپ بولدۇق، بەزىلىرىنى قىلىپ بولدۇق، بەزىلىرى قىلىش جەريانىدا تۇرماقتا يەنە بەزلىرىنى كېيىنكى قەدەمدە قىلماقچىمىز، بىزنىڭ باش مەقسىتىمىز خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى چۆرىدەپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، بىزنىڭ بۇ ئەمەلىيەت جەريانىمىز ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىش، كۈچ ئۇلاپ ئالغا بېسىش جەريانىدۇر.

3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن شى جىنپىڭ فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا فۇجيەننىڭ تىرىشىپ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ يەنە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرلۇپ تەرەققىي قىلىشىدا ئۈلگە كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خىزمەتنى بارلىق تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ قەلبىگىچە سىڭدۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ مىللەت، دۆلەتكە بولغان تونۇشى ۋە ھېسسىياتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەتتە خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئوخشاش كۆزدە قاراش، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا چوڭ قۇرۇقلۇق پۇقرالىرىغا مۇلازىمەت قىلغانغا ئوخشاش بەخت يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ يەنە ئالايىتەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنقىلابىي كونا ئازاد رايونلار، مەركىزىي سوۋېت رايونىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى قىلىش كېرەك، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما دېگەن سۆز بار، ئىنقىلابىي كونا ئازاد رايونلار، سوۋېت رايونىدىكى خەلقنى ئۇنتۇپ قېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، رەتلەپ بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدا ئىنقىلابىي كونا ئازاد رايونلار، سوۋېت رايونىنىڭ بىرنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ.

3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى، ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىق مەسىلىسىنى تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئارمىيە يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، نامرات كەنت، نامرات ئاممىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يارىلانغان، ئاغرىق، مېيىپ ھەربىيلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ھەربىيلەر بىلەن بىللە تۇرىدىغان ئائىلە تەۋەلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇشقا كىرگۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىپ، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشتىكى كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىشىغا ماسلىشىپ، ئارمىيەنى كۈچەيتىش ئىشلىرىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

111111111111.jpg
1111111111111111.jpg
222222.jpg
1124217133_1552228389892_title0h.jpg