نامراتلار ئىچىدىكى ئەڭ نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
0
2019-04-14 17:36:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، ھازىر 2020-يىلىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشقا ئاران ئىككى يىل ۋاقىت قالدى، ھازىر راسا كۈچەپ ئىشلەيدىغان پەيت، شۇڭا خىزمەتنى بوشاشماي ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇش، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە بولدى قىلماسلىق شەرت دەپ كۆرسەتتى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بۇ ھالقىلىق پەيتىدە، مۇخبىرلار نامراتلار ئىچىدىكى نۇرغۇن ئەڭ نامراتلار، قىيىنچىلىقى بارلار ئىچىدىكى قىيىنچىلىقى ئەڭ زور نۇرغۇن رايونلارنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، جايلارنىڭ باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپكە ئاساسەن، سىياسەتنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، جاسارەت بىلەن كۈرەشكە ئاتلانغانلىقىنى كۆردى؛ كۆپچىلىكنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، غەيرەت بىلەن قەتئىي ئىرادىگە كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى.

بۇ ئىككى كۈندە، گۈيجۇ ئۆلكىسى سېخېڭ ناھىيەسى بەيكۇ يېزىسىدىكى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى ناھايىتى قىزىپ كەتتى، چۈنكى شۇ جاي بىلەن جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرى جياڭبېي رايونى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان توختام شەكلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش جەھەتتىن تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس باشلانغان ئىدى.

سېخېڭ ناھىيەسى-دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە، گۈيجۇ ئۆلكىسىدىكى ئېغىر نامرات ناھىيە، ھازىر يەنە 24 مىڭدىن ئارتۇق نامرات نوپۇس بار. يېرى ئۈنۈمسىز، كەسىپلىرى كەمچىل بولۇش-سېخېڭ ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدىكى بىر قىيىن مەسىلە ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2016-يىلى 7-ئايدا، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەشتە ھەمكارلىشىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى-سېخېڭ ناھىيەسى بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان نىڭبو شەھىرى جياڭبېي رايونىغا نامراتلارنى يۆلەشتە ماسلىشىشىنىڭ تۇتقىسىنى تېپىپ بەردى. نامراتلارنى يۆلەشكە دىققەت مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق كەم جايلىرى تولۇقلاندى. ھازىر، سېخېڭ ناھىيەسى بىلەن جياڭبېي رايونى نۇرغۇن ئىش تۈرلىرىدە ھەمكارلىشىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىن تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، كۇرسنىڭ مەزمۇنى-توكچىلىق، ئاشپەزلىك، كەشتىچىلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ يىل، سېخېڭ ناھىيەسى نامرات ئەمگەكچىدىن 6800 نى تەربىيەلەشنى پىلانلىدى.

كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش-نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈپ تەدبىر، باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تۈپ تەدبىر-نامراتلىق ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر نامرات، قىيىنچىلىقى بارلار ئىچىدىكى قىيىنچىلىقى ئەڭ زور جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلماقتا.

بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى گۆش يېڭى، باھاسى مۇۋاپىق بولۇپ، بازاردا قارشى ئېلىنغانلىقتىن، 260 تىن ئارتۇق قوي گۆشىنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتتى. ئابدۇئېلىنىڭ يۇرتى قاراقاش ناھىيەسى-جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات نوپۇس ئەڭ كۆپ، نامراتلىق دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر ناھىيە. بايلىقى كەمچىل بولغانلىقتىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل ھەم ئېغىر ئىدى.

بۇ يىل بۇ جەھەتتىكى ئۆزگىرىش زور بولدى. قاراقاش ناھىيەسى «باشلامچى كارخانا قوشۇلغان كوپىراتىپ قوشۇلغان دېھقان ئائىلىلىرى» ئەندىزىسىنى كىرگۈزۈپ، قوي باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى. نامرات ئائىلىلەر قوي سېتىۋالسا ھۆكۈمەت نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى بەردى؛ كوپىراتىپ باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنى بىرىكتۈردى ھەم تەشكىللىدى؛ باشلامچى كارخانىلار يەم خەشەك، تېخنىكا بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى ھەم قوي گۆشىنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى قۇرۇشقا مەسئۇل بولدى. بۇ يىل، بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنىڭ سانى 800 گە يەتكۈزۈلۈپ، مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىلىشى مۇمكىن، كوناشەھەر كەنتىدىكى ئابدۇئېلىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. ئابدۇئېلى سودام ياخشى بولغان كۈنى ئىككى قوينىڭ گۆشىنى سېتىپ، يۈز يۈەندىن 200 يۈەنگىچە پايدا ئالىمەن، بىز ھازىر ناھايىتى خۇشال دېدى.

قاراقاش ناھىيەسى كەلگۈسىدىكى نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق پىلان تۈزدى. قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ گۈەنجۈن مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا تەلەپنى باشتىن-ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەسىپ يېتىشتۈرۈشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ تۈپ چىقىش يولى قىلىپ، قوي، توشقان، كەپتەر، ئۆردەك، موگۇ قاتارلىق بەش چوڭ كەسىپنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن 64 مىڭ نامرات ئائىلىنى قاپلىدۇق.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن كۈرەشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، نامرات رايونلار بەس-بەس بىلەن مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەردىن تۇتۇش قىلىپ، سىياسەتنى دەل جايىدا يولغا قويدى.

بۇ بىر نەچچە كۈندە، گەنسۇ چىڭياڭنىڭ خۇاچى ناھىيەسى تيېجياۋچېڭ كەنتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى 24 نامرات ئائىلە بىر خۇشخەۋەرنى، يەنى يول ياسىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئاڭلىدى. خۇاچى ناھىيەسى-كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونى شۇنداقلا دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە. ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ كەينىدە قالغانلىقى-بۇ يەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئېغىر توسقۇنلۇق قىلغان ئىدى، تيېجياۋچېڭ كەنتى دەل بۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. ھازىرغىچە، مەركەز ۋە ئۆلكە، شەھەر خۇاچى ناھىيەسىنىڭ ئىشتاتلىق كەنتلىرىنىڭ يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشقا 400 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، 111 مەمۇرىي كەنتنىڭ يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇردى، ئاخىرقى كەنت يوللىرىمۇ بۇ يىل تولۇق ياسىلىپ بولىدۇ، خۇاچى ناھىيەسى شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدۇ.

 

1124358556_15550411802601n.jpg
1124350392_15549026896991n.jpg
1124350806_15549164939331n.jpg