شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ تېلېگرامما يوللاپ چارلېس مىچېلنىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
0
2019-07-09 18:50:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلھام مامۇت

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 7 -كۈنى Charles Michel چارلېس مىچېلغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام ئالاقىسى قويۇق، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول، ئادىمىيەت ئالاقىسى جانلىق بولۇپ، دۇنيا ئىشلىرىدا ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشى مول ئۈنۈمگە ئېرىشتى. جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگىمۇ پايدىلىق. جۇڭگو ياۋروپانىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىشىنى قوللايدۇ. مەن جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، رەئىس چارلېس مىچېل بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئېشىش، ئىسلاھات، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا خەلقىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ تېلېگرامما يوللاپ چارلېس مىچېلنى تەبرىكلىدى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ياۋروپا بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، نۆۋەتتىكى جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.




F201907081630450836701489.jpg