باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى تەبرىكلەندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئاراپات ھۈسەنجان | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-25 18:00:05

 

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ناسىپجان مامۇت خەۋرى فوتۇسى: 18–سېنتەبىر، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق تەنتەربىيە مەركىزى قاينام تاشقىنلىققا چۈمگەن بولۇپ،2000 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ئەزىز مىھمانلار بىر يەرگە جەم بولۇشۇپ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.تەبرىكلەش مۇراسىمىغا مەركەز تەبرىكلەش ئۆمىگىنىڭ باشلىقى،دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگورۇپپسىنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى،مۇئاۋىن مۇدىر،مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماشلاشتۇرۇش گورۇپپسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جاۋ ۋە ئاپتونۇم رايۇنلۇق تەبرىكلەش ئۆمىگىنىڭ باشلىقى، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۈجىسى خەن يوڭ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق