باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى كىشىنى خۇشال قىلماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2015-09-29 15:17:27

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

قازاقىستان ئالمۇتا باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى تۆلەشىۋ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا كۆپ قېتىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەكشۈرۈش، مۇھاكىمە يىغىنىغا باردى. ئۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولۇپتۇ، تەرەققىيات سۈرئىتى ئادەمنى خۇشال قىلىدىكەن دېدى.

تۆلەشىۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يەرلىككە ماس كېلىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، غايەت كۆپ مەبلەغ سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇردى، شىنجاڭدا كۆپلىگەن زامانىۋى زاۋۇتلارنى سېلىپ، يەرلىكتىكى كىشىلەرگە نۇرغۇن ئىش ئورنى يارىتىپ بەردى. ھۆكۈمەت يەنە يەرلىك كىشىلەرگە نۇرغۇن ئۆي سېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆي شارائىتىنى ياخشىلىدى. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، شىنجاڭ داۋانچىڭ تاشيولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان نۇرغۇن شامال گېنېراتورلىرى پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى نەچچە ئون كىلومېتىرغا سوزۇلۇپ، ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھاسىل قىلىپتۇ.

تۆلەشىۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بەش يىلدا شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى جۇڭگونىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدىن ئازراقمۇ كەينىدە قالمىدى، خەلقنىڭ كىرىمى تېز ئاشتى، تۇرمۇشى كۈنسايىن يېڭىلانغانلىقتىن، شىنجاڭ خەلقىنىڭ كەلگۈسى بولغان تولۇپ تاشقان ئۈمىدىنى كۈچلۈك ھېس قىلغىلى بولىدىكەن.

تۆلەشىۋ مۇنداق دەپ قارىدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تەسەۋۋۇرى شىنجاڭغا يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، شىنجاڭ بۇ تەسەۋۋۇردىن پايدىلىنىپ، تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى كۈتۈۋالدى.

شىنجاڭدا نۇرغۇن مىللەتنىڭ بارلىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرى بىلەن مەدەنىيەتلىرىنىڭ بۇ يەردە ھۆرمەتكە ئېرىشكەنلىكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە نۇرغۇن مەبلەغ سەرپ قىلىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت قەدىمىي ئىزلىرىنى قوغدىغانلىقى تۆلەشىۋدە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

قازاقىستانلىق تۇڭگان قىز ما جىننا بۇرۇن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇغان، خەنزۇچىغا ئۇستا، ھازىر جۇڭگونىڭ بىر شىركىتىدە ئىشلەيدۇ. ئۇ شىنجاڭدىكى بارلىق نەرسە مېنى بەك جەلپ قىلىۋالدى، ئەگەر ئاتا-ئانام چىڭ تۇرۇۋالمىغان بولسا، مەن شىنجاڭدا قېلىپ ئىشلەيتتىم دېدى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق