باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
يۈ جېڭشېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئالتايدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2015-09-29 16:00:53

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقىلى بارغان جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ 29-سېنتەبىر مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى باشلاپ، ئالتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى يوقلىدى ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە سەمىمىي ھال سورىدى.

يۈ جېڭشېڭ چۈشتىن بۇرۇن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ھەر ساھە ئەربابلىرى ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار ۋەكىللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

ئارقىدىن يۈ جېڭشېڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى كادىرلار ۋە ئامما سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. كۆكتوقاي ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرى، 2014-يىللىق مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يۈكسەلدۈرۈش نەمۇنىچىسى مادىمبېك مۇراتقان سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: مۇھەببەت مىللەت ئايرىمايدۇ، بىز قازاقلاردا «ئۆينىڭ تۆت تېمى پۇختا بولسا، يامغۇر، بوراندىن دالدا بولىدۇ، ئۆي ئاندىن ئىللىق بولىدۇ» دېگەن ماقال بار، بۇ بىر نەچچە يىلدا، شىنجاڭدا بىر ئوچۇم بۇزغۇنچىلار پەيدا بولدى، ئۇلار پەقەت يايلاقتىكى بىر نەچچە تۈپ شۇمبۇيىلا خالاس، ئۇلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقى-ھەر مىللەت خەلقىگە زىيان سالالماستىن، بەلكى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ.

يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 60 يىلدىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپتۇ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ياشايدىكەن. مەن ئالتايدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ئومۇملۇقىنى ھەقىقىي قوغداپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: ئالتاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشى، تاغ-دەريالىرى يېشىل، سۇلىرى سۈپسۈزۈك ئىكەن، ئېكولوگىيەسى بۇنداق ياخشى يەرلەر ئېلىمىزدە كۆپ ئەمەس، مەن سىلەرنىڭ بۇنى يەنىمۇ قەدىرلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇزماق ناھايىتى ئاسان، ئەمما ئۇنى قوغداش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. كىچىك شەھەرلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇسلۇبىنى ساقلاپ، ئالتاينى ئۆزگىچە بىر شەھەرگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يۈ جېڭشېڭ قاتارلىقلار يەنە ئالتاي ۋىلايەتلىك ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزىگە بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەم سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلىدى.

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر چۈشتىن كېيىن ماشىنا بىلەن بۇرچىن ناھىيەسى ئىلامان چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش يېڭى كەنتىگە باردى. يۈ جېڭشېڭ يېڭى كەنتتىكى يەسلى ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم قازاق چارۋىچى مىلانبىك مۇخاسنىڭ ئۆيىگە كىردى، يۈ جېڭشېڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بۇلتۇرقى كىرىمىنىڭ 32 مىڭ يۈەنگە يەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز پارتىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىنىڭ تېخىمۇ ساپ، سۇلىرىنىڭ تېخىمۇ سۈزۈك، ئادەملىرىنىڭ تېخىمۇ ئېسىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، بۇ يەردىكى خەلقنىڭ كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشمىز.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق