باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
شىنجاڭدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى يىغىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2015-10-03 15:07:15

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

1-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كادىرلار ۋە ئامما  جاسارەتلىك روھ بىلەن تەبرىكلەش يىغىنى ۋە مەركەز رەھبەرلىرى سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىمىز دېيىشتى.

تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 11-دىۋىزىيەسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى جاڭ يوڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەنگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، جاسارەتلىك روھ بىلەن ئىشلەپ، پۈتۈن دىۋىزىيەنىڭ تۇراقلاشتۇرغۇچ، مۇجەسسەملىگۈچ رولىنى ياخشى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

ئىلى دەريا جىلغىسىدىكى تېكەس ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ لى بىلەن ناھىيەنىڭ تۆت كوللېكتىپىنىڭ رەھبەرلىرى بىرلىكتە يىغىننىڭ بىۋاسىتە ئەھۋالىنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاسان قولغا كەلمىگەن، بىز بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئانارنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشاش ئۇيۇشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇش ئۈچۈن تېرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئىمىنىگۇل مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىپ، بىر تەرەپتىن دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىمىز.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق