جېجاڭلىق كادىرلار شىنجاڭدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن تۇغقان بولۇشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-18 18:38

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، قوماندان ۋاڭ تۇڭلىن جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 24 كادىر ئىختىساسلىقلار ۋەكىلىنى باشلاپ ئاقسۇ شەھىرى ئېگەرچى يېزىسى يۇقىرىقى بالداڭ كەنتىگە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە كىشىلىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كەنتتىكى 24 ئاھالە بىلەن تۇغقان بولۇشتى.

47 ياشلىق تۇرەك موللا توختى تۇغقىنى ۋاڭ تۇڭلىنى كۆرۈپ ئالاھىدە تەسىرلەندى. چۈنكى ئۇنىڭ بۇرۇنلا بىر خەنزۇ تۇغقىنى بار بولغان ئىدى. شۇ كۈنى ئۇ يىراقتىن كەلگەن بۇ تۇغقىنىنى ئوبدان كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئايالى بىلەن بالدۇرلا تۈرلۈك مېۋە-چىۋە ۋە يېمەكلىكلەرنى تەييارلىغان ئىدى.

ۋاڭ تۇڭلىن تۇرەك موللا توختى ئائىلىسىدىكىلەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدى، تۇغقانلىرى بىلەن بىر پارچە سۆرەت چۈشۈشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلدى. ئىككىيلەن كەڭ كۇشادە پاراڭلاشتى، پاراڭلىشىش داۋامىدا ۋاڭ تۇڭلىن تۇرەك موللا توختى ئائىلىسىدىكى 4 كىشىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ ئارانلا 8 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى، ئائىلە كىرىمىنىڭ ئاساسلىقى 8 مو ياڭاقلىق ۋە ئون تۇياق قويىدىن كېلىدىغانلىقىنى، ئايالى گۈلسۈم قۇباقنىڭ 2- بالىسىنى ئەمدىلا يەڭگىگەنلىكىنى، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى ئۇقتى. تۇرەك موللا توختىۋاڭ تۇڭلىنغا باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ۋاڭ تۇڭلىن: مەن سىلەرگە قۇربىمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن، دېدى.

شۇ كۈنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن 24 نەپەر كادىر ئىختىساس ئىگىسى تۇغقانلىرى بىلەن بىرگە تۇغقانلىشىش تامىقى يېدى. تۇغقانلىشىش ھارىقى ئىچتى. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، كەنت ئاھالىلىرى بەس-بەستە مۇنداق دېيىشتى: بىز ئولتۇرۇۋاتقان ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىنى جېجياڭ ياردەم بېرىپ سالغان، بىز پارتىيە ۋە دۆلەتكە، جېجياڭلىق تۇغقانلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز، بۇندىن كېيىن بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، جېجياڭلىق تۇغقانلارنىڭ كۆپرەك كېلىپ مېھمان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.