قەشقەر شەھىرى ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-15 10:47

 

ئىختىيارىي مۇخبىرلار تاھىرجان ئاتاۋۇللا، ئەسقەرجان تۇرسۇن خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر شەھىرى شەھەر-يېزا، مەھەللىلەردە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ھەرخىل ياشانغانلارنى بېقىش ئاپپاراتلىرى قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق قەشقەر شەھىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت كەسپى بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى.

مۇخبىر قەشقەر شەھەرلىك شەھەر–يېزا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كۈتۈنۈش مەركىزىگە كىرگەندە ياشانغانلار تۆت-بەشتىن بولۇپ، ئاپتاپقا قاقلانغاچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئىدى، ئۇلارنىڭ كۈلكە سادالىرى قورۇنى بىر ئالغانىدى. مۇخبىرلىرىمىز شاھمات، قارتا ئويناش پائالىيەت ئۆيىدە ياشانغانلارنىڭ ماجياڭ ۋە خەلقئارالىق شاھمات ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ يىل 91 ياشقا كىرگەن لياۋ جيايۈ پاراۋانلىق كۈتۈنۈش مەركىزىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلىقىغا 10 يىل بولغانىدى، ئۇ بۇ يەرنى ئۆز ئۆيۈم دەپ بىلىدۇ. بۇ يەردىكى خىزمەتچىلەر ئۇنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ بېرىدۇ.

قەشقەر شەھەرلىك شەھەر–يېزا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كۈتۈنۈش مەركىزى شېنجېن شەھىرى مەبلەغ ئاجرىتىپ سېلىپ بەرگەن چوڭ تىپتىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرى بولۇپ، كۈتۈنۈش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چىنىقتۇرۇش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال پاراۋانلىق ئورنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايغا يېڭىدىن 792 كارىۋات ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر 205 ياشانغان كىشى بۇ يەردە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. ئاسىمخان مەمەت مۇخبىرلارغا بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ مەركەزدىكى خادىملارنىڭ ئۆزلىرىگە خۇددى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تۇرمۇشىدىكى ھەر بىر كىچىك ئىشلاردىمۇ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ يەردىكى تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ قىلچىمۇ يالغۇزلىق ھېس قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياشانغانلارنىڭ پاراۋانلىق مەركىزىدىكى كۈنلىرىنى مەنىلىك، خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، بۇ مەركەز يەنە شاھمات، قارتا ئويناش ئۆيى، ئۇۋىلاش ئۆيى، كىچىك تىپتىكى كىنوخانا، داۋالاش ئۆيى قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش، ئارام ئېلىش سورۇنلىرىنى ھازىرلاپ بەردى. 84 ياشلىق ئاتىكەم مامۇت مۇخبىرلارغا ھەر كۈنى كەچتە خىزمەتچى خادىملارنىڭ دەل ۋاقتىدا ئىسسىق سۇ ئەكىلىپ پۇتىنى يۇيۇپ، ئۇۋۇلاپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئۇلار ئاغرىپ قالغاندا، مەخسۇس تەسىس قىلىنغان داۋالاش ئۆيىدە كېسىلىنى ھەقسىز داۋالاپ، دورا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۈگۈنكى ياشانغانلارغا قىلىنغان غەمخورلۇق، ئەتىدىكى ئۆزىمىزگە قىلىنغان مۇئامىلىدۇر. قەشقەر شەھىرى ئىجتىمائىي ئاپپاراتلارنىڭ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ياشانغانلارغا كۆيۈنۈشكە سەپەرۋەر قىلدى. قەشقەر شەھەرلىك «ئەپەندى» ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئارزىگۈل ئوسماننىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇش ئىدى. ئۇ يەنە توردىن مەخسۇس بارماق گىمناستىكىسى، ياشانغانلار رادىيو گىمناستىكىسىنى ئۆگىنىپ، ھەر كۈنى ئۇلارنى چېنىقتۇرۇپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەلا مۇلازىمەت قىلدى.

قەشقەر شەھىرى يەنە يېتىم، تاشلىۋېتىلگەن، مېيىپ بالىلار ۋە شەھەر–يېزىلاردىكى «ئۈچ يوق» ياشانغانلارنى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، شەھەر–يېزا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كۈتۈنۈش مەركىزىنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا بېقىلىشنى خالايدىغان «بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنىڭ ھەممىسىگە مەركەزلىك قاراش، يېتىم بالىلارنىڭ ھەممىسىنى مەركەزلىك بېقىش خىزمەت نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

قەشقەر شەھەرلىك شەھەر–يېزا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كۈتۈنۈش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نېلۇپەر مەمەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، چوقۇم خەلق مەنپەئەتىنى كۆپرەك كۆزلەش، خەلقنى تۇرمۇش غېمىدىن كۆپرەك خالاس قىلىش كېرەك» دەپ ئېيتتى. ئۇلار مەركىزىمىزگە كەلگەندىن بۇيان، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا تىرىشتۇق، يېمەك–ئىچمەك جەھەتتە ياشانغانلارغا يېقىشلىق، قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى ئېتىپ بەردۇق. ئۇلار بۇ يەردە خۇشال–خۇرام ياشاۋاتىدۇ، بىر قانچە جۈپ ياشانغانلار بۇ يەردە يېڭىدىن ئائىلە قۇردى، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئۇلارنى ئەڭ ياخشى تايىنىش ۋە بېقىلىش شارائىتىغا ئىگە قىلىمىز.