كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەپتەر بېقىش كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-05-15 10:47

 

ئىختىيارىي مۇخبىر تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى: بۇ يىل، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھىنىڭ قەشقەر شەھىرى يېڭئۆستەڭ يېزىسىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 2016-يىلى يېڭئۆستەڭ يېزىسىنىڭ دۆڭئېرىق كەنتىدە مەبلەغ سېلىپ قۇرغان «ئالتە تاش» كەپتەر باقمىچىلىقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى سۇپا قىلىپ، نامرات ئاھالىلەرنى كەپتەر باقمىچىلىقى كەسپىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئورتاق بېيىشتىن ئىبارەت ياخشى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئىلگىرىكى «كەنت پارتىيە ياچېيكىسى + مەبلەغ سالغۇچى + نامرات ئاھالە» شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ھەرەمباغ كەنتى، يىڭنەقاش كەنتىدە ھەربىر كەنت ئاھالىسىنى 5000 يۈەن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، «شىركەت + تەربىيەلەش بازىسى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت كەسىپ شەكلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قېيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنىڭ كەپتەر باقمىچىلىقى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«ئالتە تاش» كەپتەرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەنە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» كەپتەر باقمىچىلىقى تەربىيەلەش مەركىزى قۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرگە نەق مەيداندا دەرس سۆزلىدى ھەمدە تۈركۈمگە ئايرىپ شىركەتنىڭ باقمىچىلىق سېخىدا ئەمەلىي تەجرىبىگە قاتناشتۇردى. خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار تۈركۈمگە ئايرىپ تەربىيەلەش ئارقىلىق، كەپتەر باقمىچىلىقىنى تەدرىجىي ھالدا تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىلەرگىچە كېڭەيتىپ، كارخانا كۆجۈملىشىش شەكلىدە بېقىش + دېھقانلار ھويلا-ئاران ئىگىلىكى ۋە دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئورتاق بېيىشتىن ئىبارەت ياخشى تەرەققىيات ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈردى.

شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھىنىڭ قەشقەر شەھىرى يېڭئۆستەڭ يېزىسى يىڭنەقاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق كەنت پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈەنشىن مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر ئالتە كەنتتە جەمئىي 11 قارار كەپتەر باقمىچىلىقى تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، كەپتەر بېقىش ئارزۇسى بار 400دىن ئارتۇق ئاھالىنى تەربىيەلىدۇق، تەربىيەلەشتە لاياقەتلىك بولغان 210 ئاھالىگە كەپتەر تارقىتىپ بەردۇق، مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە گۇرۇھىمىز ياردەم بېرىدىغان باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ سانىنى 1000غا يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز. نامرات ئاھالىلەرگە قارىتا كەپتەر باقمىچىلىقى بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىش، تېخنىكلار باقمىچىلىق جەريانىدا مەخسۇس ياردەم بېرىش، ئاخىرىدا بىر تۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

بۇ يىل، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھىنىڭ ئالتە كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت نۇقتىسى كەپتەرچىلىك شىركىتىنى ئاساس قىلىپ، ئالتە كەنتتىكى 1823 ئائىلە، 7781 نامرات ئاھالىگە قارىتا داۋاملىق تۈردە «كەپتەر باقمىچىلىقىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» تەدبىرىنى قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلىشى ئاساسىدا، ئۇلارغا 200 مىڭ جۈپ كەپتەر تارقىتىپ بېرىپ، بارلىق جەريانغا ئىز قوغلاپ يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كۆپرەك كىرىم قىلىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، كېيىنكى قەدەمدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، نامراتلارنى يۆلەش كۆلىمىنى ئالتە كەنتتىكى بارلىق نامرات ئاھالىلەرگىچە قاپلاشقا تىرىشىدىكەن.