باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ،كىلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى تەھلىل قىلدى ۋە تەتقىق قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2011-12-10 11:00:05

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى تۈنۈگۈن يىغىن ئېچىپ، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى تەھلىل قىلدى ۋە تەتقىق قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى خۇ جىنتاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان خەلقئارا سىياسىي ئىقتىسادىي شارائىت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىدىكى يېڭى ئەھۋال يېڭى ئۆزگىرىش ئالدىدا ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىدى. جايلار ۋە تارماقلار مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئاساسى تېما، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، پۇل پاخاللىقى كۆزلەنمىسىنى باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلدى. گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق ھەل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن خەلق ئىگىلىكى ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ كونترول قىلىشنىڭ كۆزلەنمە يۆنىلىشىگە قاراپ داۋاملىق تەرەققىي قىلدى. ئىقتىساد بىر قەدەر تېز ئاشتى. مال باھاسى مۇقىملىشىشقا يۈزلەندى. ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولدى. خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى. 12-بەش يىللىق ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات ياخشى باشلاندى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھازىر ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان، نۇرغۇن پايدىلىق شارائىتلار ھازىرلانغان بولسىمۇ، بىراق ئىقتىسادنىڭ مۇقىم يۈرۈشى كۆپلىگەن گەۋدىلىك زىددىيەتلەر ۋە مەسىلىلەرگە يولۇقماقتا. پۈتۈن پارتىيە ۋە دۆلىتىمىز كۈلپەت ئېڭى ۋە خېيىم خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىك ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىدىيەۋى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشى لازىم.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كېلەر يىلى 12-بەش يىللىق پىلان يولغا قويۇلىدىغان مۇھىم يىل. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ماكرو ئىقتىسادىي سىياسەتنى سىجىللاشتۇرۇپ ۋە مۇقىملاشتۇرۇپ، تەڭشەپ كونترول قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى، جانلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنى بىر قەدەر مۇقىم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ كۆزلەنمىسىنى باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ،ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئېنېرگىيە تىجەش بۇلغىمىنى ئازايتىشنى كۈچەيتىش، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىقتىسادنى بىر قەدەر مۇقىم تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مال باھاسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىناق مۇقىم قىلىپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتىۋېلىش لازىم.

يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەپ كونترول قىلىشنى تېخىمۇ ئالدىن كۆرەرلىك ھالدا كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ،تەڭشەپ كونترول قىلىش سالمىقى، رېتىمى، نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەش ھەمدە ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن دەل ۋاقتىدا ئالدىن تەڭشەپ، ئازراق تەڭشەپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈش داۋامىدىكى گەۋدىلىك زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياج بولۇپمۇ ئىستىمال ئېھتىياجىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەتلەرنى مۈكەممەللەشتۈرۈپ،ئاھالىلەرنىڭ ئىستىمال ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇۋاتقان ۋە داۋاملىق قۇرۇلىدىغان قۇرلۇش تۈرلىرىگە كاپالەتلىك قىلىپ، 12-بەش يىللىق پىلاندا بېكىتىلگەن چوڭ تۈرلەرنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنى مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش يېزا ئىگىلىك سىياسىتىنى مۈكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار مەسىلىسىگە بولغان سېلىنمىنى زورايتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزىمىنى مۈكەممەللەشتۈرۈپ، ئېتىز ئېرىق سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلاتنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، ئاشلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم. مال باھاسى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن موقۇملاشتۇرۇشقا تىرىشىپ، بازارنىڭ تەڭشەپ كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىققا ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە كۆكتات قوشۇمچە يېمەكلىكلەرگە شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، يۆتكەش، سېتىش ھالقىلىرىنى ياخشى بىرىكتۈرۈپ،ئەشيا ئوبوروت تەننەرقىنى ھەقىقى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئۆي مۈلۈكنى تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسىتىدە قىلچە تەۋرەنمەي،ئۆي باھاسىنىڭ مۇۋاپىق سەۋىيەگە قايتىپ كېلىشى، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە رايونلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال يېتىشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپى بولۇپمۇ زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك. رايون تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىنقىلابى كونا ئازاد رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى زورايتىپ، ئوتتۇرا غەربىي رايونلارغا كەسىپلەرنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىگە يىتەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي ئىقتىدارلىق رايون پىلانىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. 12-بەش يىلدا ئېنېرگىيە تىجەش بۇلغىمىنى ئازايتىش ئۇنىۋېرسال خىزمەت لايىھەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باھالاش مېخانىزمى ۋە مۇكاپاتلاش، جازالاش تۈزۈمىنى مۈكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تىجەش بۇلغىما ئازايتىشنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. تاشقى ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكسپورت قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىمپورتىنى پائال كېڭەيتىپ، چەت ئەل مەبلىغىنى يۇقىرى ياسىمىچىلىق، ئېنېرگىيە تىجەش، مۇھىت ئاسراش ساھەسىگە سېلىشقا جەلپ قىلىپ،دېڭىز بويى رايونى ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىنىڭ ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ،كارخانىلارنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشىنى قوللاپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مالىيە باج، پۇل مۇئامىلە، بايلىق خاراكتېرىدىكى مەھسۇلاتلار باھاسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلئارا مەبلەغ سېلىش تۈزۈلمىسىنى مۈكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ۋە يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھات سىناق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى نۇقتا قىلغان تۈرلۈك جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ئىشلىرى ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئالدىن ئېتىبار بېرىشنى چىڭىتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۈكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، داۋالاش دورىگەرلىك سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق مۇقىملىقىنى قوغداش لازىم.

 

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق