باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
رەئىس شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە بىلەن مالايسىيا تاراتقۇلىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلھام مامۇت | يوللانغان ۋاقىت:2013-10-03 10:12:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە بىلەن مالايسىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 21-قېتىملىق رەھبەرلەرنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ھارپىسىدا ھىندونېزىيەدە چىقىدىغان جاكارتا پوچتا گېزىتى، مالايسىيادا چىقىدىغان مالاي ئاۋانگارت گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جۇڭگو بىلەن بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 21-قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ئىستىقبالى، جۇڭگو ئىقتىسادىينىڭ ۋەزىيىتى، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى قارشى ۋە تەشەببۇسىنى شەرھىلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 63 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتتى، يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ 2005-يىلدىن 2012-يىلغىچە، ئىككى دۆلەت مۇئاۋىن باش مىنىستىر دەرىجىلىكلەرنىڭ سۆزلىشىش، مۇداپىئە ئىشلىرىدا كېڭىشىش، دېڭىز ئىشلىرىدا ھەمكارلىشىش قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورناتتى. ئۆتكەن يىلى ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 66 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2005-يىلدىكىدىن تۆت ھەسسە ئاشتى. ئىككى تەرەپ رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا يېقىندىن ماسلىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى تىرىشىپ قوغدىدى ۋە كېڭەيتتى. مەن بۇ قېتىم ھىندونېزىيەگە قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىمدە دوستانە مۇناسىۋەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، پىرېزىدېنت سوشىلو بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى كۈتمەكتىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مالايسىيا ئۇدا بەش يىل جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولدى. 2012-يىلى، جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 94مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ چىنجۇ كەسپى باغچا رايونى بىلەن مالايسىيا جۇڭگو گۇەندەن كەسپىي باغچا رايونى ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزئارا دۆلەت دەرىجىلىك كەسپىي باغچا رايونى تەسىس قىلىشنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندى. جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ قوش غەلىبە ئىشقا ئاشۇرۇلدى. مەن، مالايسىيا رەھبەرلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام تەرەققىي قىلىشنىڭ مۇقىم رامكىسىنى ئورنىتىشنى كۈتمەكتىمەن، شۇنداقلا، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق