باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ مالايسىيادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ چۈشلۈك قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-10-05 10:23:20

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مالايسىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ ليۈەن 4- ئۆكتەبىر كۇئالالامپۇردا مالايسىيانىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى،جۇڭگولۇقلارنىڭ چۈشلۈك قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن مالايسىيادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالايسىيا چەتئەللەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان، جۇڭگولۇقلار تۈركۈم تۈركۈملەپ دېڭىز ئاتلاپ، بۇ يەرگە كېلىپ، جاپالىق ئىگىلىك تىكلەپ، تەرەققىي قىلىپ، مالايسىيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى، جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، جەمئىيىتىنىڭ ئېناقلىقى، ئىرقىي ئىناقلىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مالايسىيادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ئىككى دۆلەت دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگۈچىلەر، شاھىدلار، ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر. سىلەر جۇڭگوغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈپ، ئوقۇشقا ئىئانە بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ۋاسىتىچى بولدۇڭلار. سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلار بولمىغان بولسا، جۇڭگو بىلەن مالايسىيا مۇناسىۋىتىدە بۈگۈنكىدەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلمىگەن بولاتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دېڭىز ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدىغان قوشنىلار، ھەقىقىي دوستلار، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىدىغان شېرىكلەر.باش مىنىستىر نەجىپ ئىككىمىز جۇڭگو بىلەن مالايسىيا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈش ھەمدە بىر يۈرۈش ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈستىدە كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنىڭ تېخىمۇ پارلاق كېلەچىكىنى يارىتىش قارارىغا كەلدۇق.

شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى تونۇشتۇردى؛جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنياغا جۈملىدىن ئالدى بىلەن قوشنا دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزىدۇ. مالايسىيادىكى بارلىق جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇق دوستلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈستۈنلىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز ئىشلىرىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىكتە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىڭلار ھەمدە ئىككى دۆلەت دوستلۇقى ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن يەنە يېڭىدىن كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

مالايسىيا باش مىنىستىرىنىڭ جۇڭگو ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى خۇاڭ جيادىڭ سۆز قىلىپ، مالايسىيادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ ليۈەننى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار بىلەن كۆرۈشكەنلىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشى مالايسىيا جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مالايسىيادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ ئۇزۇن مەزگىل مۇقىم گۈللىنىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. مالايسىيادىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق كۆۋرۈك بولۇشنى خالايدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق