باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى نۇسخىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-24 17:30:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 24-فېۋرال يىغىن ئېچىپ،دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تۈزۈپ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنغان ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى نۇسخىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2013-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز بولغان، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنى يولغا قويۇش بېسىمى زورايغان،تەبىئىي ئاپەت كۆپەيگەن،كۆپ ئېغىر زىددىيەتلەر گىرەلەشكەن مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى يولداش شى جىنپىڭ باش سېكرىتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن بىر يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كۆزلەنمە نىشانى تولۇق ئورۇندىدى. ئىقتىسادنىڭ ھەرىكىتى مۇقىم ياخشى بولدى، ئاھالىلەر كىرىمى ۋە ئىقتىساد ئۈنۈمى سىجىل يۈكسەلدى. قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە ئىجابىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىجتىمائىي ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلەندى:بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە يولۇقىدۇ، پايدىلىق شارائىت ۋە پايدىسىز ئامىللارمۇ مەۋجۇت. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ،ھۆكۈمەتلەر مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى، يولداش شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئىچىدە تەرەققىيات ئۇستىدە ئىزدىنىپ، خىزمەت ئومۇمىي رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى قوزغىتىشنى يولغا قويۇپ، ئۇسۇلدا بۇرۇلۇش ياساش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش ئارقىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا تېرىشىپ كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقى ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق