باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىسى پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ رەپىسى مىچىل بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-03-22 08:56:43

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
    دۆلەت رەئسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن تۈنۈگۈن كەچتە دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوبامانىڭ رەپىقىسى مىچىل بىلەن كۆرۈشتى. 
    شى جىنپىڭ مىچىل خانىم ۋە ئۇنىڭ ئانىسى روبىنسون خانىم ھەمدە قىزلىرىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇلاردىن پىرېزىدېنت ئوباماغا سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەك يوللىدى. 
    شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، مەن پىرېزىدېنت ئوباما بىلەن ئورناتقان ياخشى خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە دوستلۇقنى قەدىرلەيمەن، بىز كۆرۈشۈش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، ئالاقىلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كېلىۋاتىمىز، مەن بۇ ئىككى كۈندە گوللاندىيەنىڭ گائاگادا پىرېزىدېنت ئوباما بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى كۈتمەكتىمەن، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇ يىل 11-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمەن، ئىشىنىمەنكى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى چوقۇم يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسز تەرەققىي قىلىدۇ. 
    مىچىل شى جىنپىڭغا پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، مەن، ئانام ۋە قىزلىرىمنىڭ بىللە چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىشى ئاسان ئەمەس، جۇڭگودا زىيارەتتە بولالىغانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھىس قىلدىم، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشكەنلىكى، پېڭ لىيۈەن خانىمنىڭ قىزغىن تەكلىپ قىلغانلىقىغا ، جۇڭگونىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، بۈگۈن زىيارىتىمىزنىڭ بىرىنچى كۈنى، بىز جۇڭگولۇق ياش ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇق، يەنە خان سارىيىنى كۆردۇق، بۇلار مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇردى، مەن بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇش پۇرسىتىگە تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن قىزلىرىم ۋە ئامېرىكا ياش ئۆسمۈرلىرىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيىتىنى كۆپرەك ئىگەللەش ۋە ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرىمەن، ھازىر تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكىلىق بالىلار ئامېرىكىدا خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ ياكى جۇڭگوغا كېلىپ ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتىدۇ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇنداق ئالماشتۇرۇشى ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. 
    شى جىنپىڭ مىچىلگە مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىڭلاردا مائارىپ ئاساسى تېما قىلىنىپتۇ، بۇ ناھايىتى ياخشى، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى، مائارىپ دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، ياشلار دۆلەتنىڭ ئۈمىدى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مائارىپ ئالماشتۇرۇشى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەت ياشلىرى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا چۈشەنچ ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ. 
    پېڭ لى يۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مائارىپى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، شۇڭا ئۆزئارا ئۆگەنسە، ئەينەك قىلسا بولىدۇ، تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكىلىق دوستلارنىڭ جۇڭگو ھەققىدىكى بىلىملەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخىي مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى زامان تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگەللىشىنى، سىلەرنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئامېرىكا خەلقىغە يەتكۈزۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 
    باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوبامانىڭ رەپىقىسى مىچىل تۈنۈگۈن بېيجىڭ پىداگۇگىكا ئونىۋېرسىتېتى ئىككىنچى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان.

 


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق