باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-26 09:12:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 25-ئاپرېل يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى.جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى:بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان،پۈتۈن پارتىيە پۈتۈن مەملىكەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش،ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ،قىيىنچىلىك ۋە خىرىسقا پائال تاقابىل تۇردى؛چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى؛ھەر قايسى جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى؛ ئىقتىساد تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى؛ئىقتىسادىي ھەرىكەت مۇۋاپىق ئورۇننى ساقلىدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھازىر ئىقتىسادىي خىزمەت كۆپلىگەن قىيىنچىلىق ۋە بېسىمغا يولۇقماقتا. ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تاشقى مۇھىتىدا يەنىلا بىر قەدەر زور مۇقىمسىزلىق مەۋجۇت. ئىقتىساد يۈكسىلىشىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىلا بار. بەزى قىيىنچىلىقلارنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ. يوشۇرۇن خەۋپكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى ئۆزگەرمىدى. مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش خىزمىتى ئاساسى روھىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇش لازىم. مۇقىم ئاشۇرۇش،ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش،قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خېيىم خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماكرو ئىقتىسادنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ،مالىيە سىياسىتى ۋە پۇل سىياسىتىدە ھازىرقى سىياسەت ئاساسىدا چىڭ تۇرۇپ،ياخشى تەرەققىيات كۆزلەنمىسى ۋە ئاشكارا ماكرو سىياسەت مۇھىتى يارىتىش لازىم.
ماكرو سىياسەت مۇقىملىقى، مىكرو سىياسەتنى جانلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي سىياسەتنى تۆۋەنلىتىش ئاساسىي تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ،پۈتۈن بىر يىللىق ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك كۆزلەنمە نىشانلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ،بوغداي ،شال قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى ۋە كۆممە قوناق، قىچىنى ۋاقىتلىق يىغىپ ساقلاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ يۆتكەپ چىقىم قىلىش مەبلىغىنى تارقىتىشنى تىزلىتىپ،تۇراقسىزلىق سەۋىيىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، كىچىك مىكرو كارخانىلار،يېزا ئىگىلىكى،يېزىلار ، دېھقانلار ۋە جەمئىيەت ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەرنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرىنى داۋاملىق ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت ھوقۇقى تىزىملىكى تۈزۈمىنى تىزدىن بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەلبىي تىزىملىك باشقۇرۇش قېلىپىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم. مالىيە باج ،پۇل مۇئامىلە، باھا، پەن تېخنىكا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تىزدىن تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، سۈپەت ئۈنۈمى دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەتچىلىكنى تىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياسىمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زور ئېنېرگىيە تېجەش مۇھىت ئاسراش ، بايلىقنى ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش قاتارلىق تېخنىكا جابدۇقىنىڭ كەسىپلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاش ۋە تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىپ، ئوتتۇرا غەربىي رايونلار تۆمۈر يولى، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى تىزلىتىش لازىم. غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، شەرقىي شىمال قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى داۋاملىق قوللاش كېرەك. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبىينىڭ ماسلاشما تەرەققىياتى ۋە چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىسادىي بەلبېغى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ يېڭى تىپتىكى شەھەر بازارلاشتۇرۇش پىلانىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

ئىشقا ئورۇنلىشىش،ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى نۇقتىلىق خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك يارىتىشىدىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر يېزا ئاھالىلىرى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئىسلاھاتى سىناق نۇقتىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىش خاراكتېرلىق پۇل مۇئامىلىنىڭ كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىلىشىنى قوللاپ، ئۇچۇر، ساياھەت، تەنتەربىيە، كۈتۈنۈش، ساغلاملىق مۇلازىمىتى ۋە كەسپىي مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق