باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
جاڭ دېجياڭ مالايسىيانىڭ باش مىنىستىرى نەجىپ بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-31 10:51:03

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 30-ماي خەلق سارىيىدا مالايسىيانىڭ باش مىنىستىرى نەجىپ بىلەن كۆرۈشتى. جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى. ھەمكارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى مول بولدى. بۇ ئاساسلىقى ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغانلىقىدىن بولدى. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىيلىقنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، بىر بىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماي، دوستلۇق ئالاقىنى كۈچەيتىپ، رايون ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رول ئوينىشى كېرەك. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالايسىيا پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكلى كۆپ خىل بولغان ئالاقە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. مەن مالايسىيا ئاۋىئاتىسىيىسى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ يوقاپ كېتىش ۋەقەسىدىن چوڭقۇر قايغۇردۇم. جۇڭگو ئالاقىدار خىزمەتلەرگە داۋاملىق پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ. مالايسىيانىڭ خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ۋەقەنى بالدۇرراق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

نەجىف جاڭ دېجياڭنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بەرگەن ئىجابىي باھاسىنى تامامەن قوللىدى ھەمدە مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاپاتلىرىدىن چوڭقۇر ھال سورايدىغانلىقى، ئائىلە تاۋاپاتلارغا بالدۇرراق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق