باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ ئىككى ئاكادىمىيە يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:بەختىيار تۇردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-06-10 09:54:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ 17-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ 12-قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا داغادۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كوماپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىش نىشانى يېڭىلىق يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش، يەنە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرققىياتنى قوزغاش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشتا ئەڭ ئاساسلىقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئەڭ جىددىي بولغىنى تۈزۈلمە ۋە مىخانىزمدىكى توسالغۇنى بۇزۇپ تاشلاپ، پەن تېخنىكىنىڭ بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇشتىن ئىبارەت غايەت زور يۇشۇرۇن كۈچنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازات قىلىش ۋە قوزغاش. جۇڭگوچە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي ئېغىشماستىن مېڭىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ يېڭىلىق يارتىىش، نۇقتىلىق ھالقىش، تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش، كەلگۈسىگە يىتەكچىلىك قىلىش فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش لازىم.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گو ۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشيەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گو ۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پەن-مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى قوزغىتىش ئىستراتېگىيىسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي مېڭىشىمىز لازىم. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققيات يېڭى يۈزلىنىشى ئالدىدا، بىز چوقۇم ئىز بېسىپ يېتىشىپ مېڭىپ، بار كۈچىمىز بىلەن قوغلاپ، ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. تارىخىي پۇرسەت دائىم سەل بوشاشساقلا قولدىن كېتىپ قالىدۇ، بىز ھازىر پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تارىخي پۇرسەتكە يولۇقماقتىمىز، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويساق، قايتا كەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇنى چىڭ تۇتىۋېلىشىمىز لازىم.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى قوزغاش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى.  پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بارلىق ئىدىيىۋىي توساق ۋە تۈزۈلمە توساقلىرىنى سۇپۈرۈپ تاشلاپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، پەن-تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك بولۇشتىن، كەسىپتە كۈچلۈك بولۇش، ئىقتىسادتا كۈچلۈك بولۇش، دۆلەت كۈچلۈك بولۇش تونىلىنى تېشىپ ئۆتۈپ، ھەر قايسى ئاساسىي گەۋدىلەر، ھەرقايسى تەرەپلەر، ھەرقايسى ھالقىلارنى  ئورگانىك ھالدا ئۆز ئارا ھەركەتلىنىدىغان، ماسلىشىشچان، يۇقۇرى ئۈنۈملۈك بولغان دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە  مۇكەمملەشتۈرۈشنى تېزلىتىش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرى يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلارنى چاقىرماقتا. ئېلىمىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىدا ماڭىمەن دەيدىكەن، يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىدە ئىختىساسلىقلارنى بايقاپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكىتى جەريانىدا ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا ئىختىساسلىقلارنى مۈجەسسەملەپ، كۆلىمى زور، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ساپاسى يۇقۇرى يېڭىلىق يارىتىشچان پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق