باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ مالايسىيا پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى پەندىكار بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-06-25 10:21:39

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24- ئىيۇن خەلق سارىيىدا مالايسىيا پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى پەندىكار بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى مالايسىيا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئەتراپ دىپلوماتىيىسىدىكى مۇھىم يۆنىلىش سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، بۇنى يۇقىرى قاتلامدا ياخشى لايىھىلەپ،ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ياخشى پىلانلاپ، جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇغقانچىلىق، سەمىمىيلىك، نەپ يەتكۈزۈشچانلىق، سىغدۇرۇشچان دىپلوماتىيە ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئاسىيانىڭ ئورتاق ، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بىخەتەرلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلدىم. تېخىمۇ قويۇق بولغان جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ، يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغى، 21- ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى بەرپا قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇ جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئېناق چىقىشىپ ئۆتۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 3-ئايدا مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شېرىكىنىڭ MH370 -قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى، بۇ كېلىشمەسلىك ۋەقەسى. مالايسىيانىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق يېقىندىن ماسلىشىپ،دائىملىق ئىزدەش ۋە ئاخىرقى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھىسىنى تۈزۈپ، ئايروپىلاننىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىشنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

پەندىكار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالايسىيا پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى مالايسىيا بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرى ھاسىل قىلغان تۈرلۈك ئورتاق تونۇشنى قەتئىي قوللايدۇ. ئىككى دۆلەت دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق