باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-03 10:31:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ 2-ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىقتىسادىي تەپتىشتە تەكشۈرۈلگەن مەسىلىلەرنى قاتتىق تۈزىتىشنى ئورۇنلاشتۇردى؛ساياھەتچىلىكنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت تەدبىرلىرىنى بېكىتتى؛پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوللىنىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۈنۈمنى باشقۇرۇش ئىسلاھات سىنىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىقتىسادىي تەپتىشنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش زامانىۋى ھۆكۈمەت قۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى.ھوقۇق ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى پايدىلىق قۇرال. يېقىندا 2013-يىللىق مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم چىقىم ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى.

1.ئىقتىسادىي تەپتىشتە تەكشۈرۈلگەن مەسىلىلەرنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن قاتتىق تۈزىتىش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى تۈزىتىشتىكى تۇنجى مەسئۇل كىشى،تۈزىتىش ۋەزىپىسى تىزىملىكى، ۋاقىت جەدۋىلىنى چىقىرىپ، ھېسابنى سېلىشتۇرۇش نومۇرىنى بىكار قىلىپ،10-ئاينىڭ ئاخىرى گوۋۇيۈەنگە تۈزىتىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا دوكلات قىلغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى لازىم.

2.تۈزىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش كېرەك.

3.ئۇزاق ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزمنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لازىم.

يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى:ساياھەتچىلىك زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى،يېتەكچىلىك رولى چوڭ. ساياھەتچىلىكنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىنى تىزلىتىش خەلق ئاممىسى ئىستېمالىنىڭ ئۆرلىشى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە ئۇيغۇنلىشىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، كېرىمنى كۆپەيتىش، ئوتتۇرا غەربىي رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەھمىيىتى زور. ساياھەتچىلىكنىڭ تىپىدە بۇرۇلۇش ياساپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ،ساياھەتچىلىكنى ئېچىشنىڭ تۈجۈپىلەش، تېجەش ۋە مۇھىت بىلەن ياخشى ئۆتۈش تىپىدە بۇرۇلۇش ياساپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرۈش، دەم ئېلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنى ئەلا سۈپەتلىك ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش لازىم.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو ئىقتىسادىي ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سۈرەتتە ئېشىشقا، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سەۋىيىگە قاراپ قەدەم تاشلىماقتا.پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېرەك، تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كاپالەت قىلىش لازىم. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: دۆلەتنىڭ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئۆلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىدىكى قىسمەن مەركەز دەرىجىلىك كەسپىي ئورۇنلارنى تاللاپ،بىر يىللىق پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پايدىلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش، ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى سىنىقى قانات يايدۇرۇلىدۇ. سىناق قىلىنغان ئورۇنلارنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئىجازەت بېرىش، پاي قوشۇش قاتارلىق شەكىلدە پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يۆتكەپ ۋە ئۆزگەرتىپ، ئېرىشكەن كىرىمىنى ئورۇننىڭ ئۆز ئالدىغا تەقسىملىشىگە قالدۇرۇشىغا؛ پەن تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يارىتىشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان ئاپپارات ۋە خادىملارنى تېخىمۇ كۆپ رىغبەتلەندۈرۈپ، پەن تېخنىكا خادىملىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغىتىشقا يول قويۇلىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق