باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
لى كېچياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-08 09:45:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

    گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇھىم تەسىرى بار دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئورتاق غەلبە قىلىشتەك شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يەر شارى سودىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈش قاتارلىق تەرەپلەردە ئورتاق كۆزقاراشلارغا ئىگە، گېرمانىيەنىڭ جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناپ، بىر تۈركۈم تايانچ ھەمكارلىق تۈرلىرىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد سودىدىكى سۈركىلىشنى سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مېركىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن يېڭلىق يارىتىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد سودا، پۇل مۇئامىلە، پەن تېخنىكا، يېزا ئىگىلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. 
    لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقى دەرۋازىسى ئالدىدىكى مەيداندا زىيارەتكە كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەمدە ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد سودا، ئاۋىياتسىيە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويۇشقا شاھىد بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە لى كېچياڭ سۆھبەت نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇھىم تەسىرى كۈچى بار دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق غەلبە قىلىش شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يەر شارى سودىسىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورتاق كۆزقاراشقا ئىگە، لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن پەن تېخنىكا، سانائەت، ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىش سودىسىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، كېلەر يىلى جۇڭگو ھەمكارلاشقۇچى شېرىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھاننوۋېر ئېلېكتىرى، ئۇچۇر خەۋەرلىشىش كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ ھەمدە بۇنى باشلىنىش قىلىپ، 2015-يىللىق جۇڭگو گېرمانىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق يىلىنى ياخشى ئۆتكۈزىدۇ. 
    لى كېچياڭ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مالىيە پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق پەيتتە جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مالىيە پۇل مۇئامىلە سۆزلىشىش مېخانىزمىنى باشلايدۇ، جۇڭگو فرانكىفورتتا خەلق پۇلى ھېسابىتى تىجارىتى قىلىدىغان جۇڭگو بانكىسىنى بېكىتىپ بولدى، گېرمانىيەنى 80 مىليارد يۈەنلىك چېگرا سىرتى ئاپپاراتلىرىغا مەبلەغ سېلىش سوممىسى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ، فىرانكفورتتا خەلق پۇلى سودا بازىرى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە زۇڭلىلىرى سۆھبىتى 7-ئىيۇلغا توغرا كەلدى بۇ كۈن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغانلىقىنىڭ 77 يىللىقى، مۇشۇنداق ئالاھىدە كۈندە لى كېچياڭ تارىخنى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇپ، تىنچلىقنى قەدىرلەشنى تەكىتلىدى. 
    شۇنىڭدىن كېيىن لى كېچياڭ بىلەن مېركىل جۇڭگو گېرمانىيە ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىرى كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى يەنە تيەنتەندە جۇڭگو گېرمانىيە تىل يىلىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىككى دۆلەت ياش ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خاتىرە سۆرەتكە چۈشتى.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق