باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
رەئىسى شى جىنپىڭ ئىقتىساد ۋەزىيىتى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-09 10:33:39

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن ئىقتىساد ۋەزىيىتى مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇتەخەسسىس ئالىملارنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىسادقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىشقا بولغان تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز بېكىتكەن كۆرەش نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش، تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە بىلىپ، ئىقتىسادنى ئۈزلۈكسىز سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. تەرەققىيات ئىقتىساد قانۇنىيىتىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا، تەبىئەت قانۇنىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا بوي سۇنىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنى ياخشى ئۆگىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشى؛ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئاڭلىق تونۇشى ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياشى بوي سۇنىشى؛ ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، ئىقتىسادىي جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈم ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىدا، ۋاڭ جەن، ليۇ شىجىن، لى ياڭ، لىن يىفۇ، خۇ ئەنگاڭ، فەن گاڭ قاتارلىقلار خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى كۈچەيتىش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئايرىم ئايرىم كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەمدە ئۇلار بىلەن مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئىككى - يۈز يىللىق كۆرەش نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېت جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ھازىر پۈتۈن پارتىيە، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۆرەش نىشانى. بۇ نىشان جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ نىشانى ھەمدە بۇ نىشان ھەر بىر ئادەم، ھەر بىر ئائىلە، ھەر قايسى تەرەپتىكى ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە مەنپەئىتىنى بىرىكتۈردى. تەرەققىيات قاتتىق قائىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى ياخشى قىلىش ئىككى - يۈز يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئاساس شۇنداقلا دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشى، خەلقنىڭ بەخت سائادەتكە ئېرىشىشىدىكى مۇھىم ئاساس. بىز مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئەھۋالىغا قارىتىپ، شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى بويىچە، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشنى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى، ئىسالاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىماتىدا ئوينايدىغان ھەل قىلغۇچ رولىنى ئىلىگىرى سۈرۈشمىز، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز سىجىل ساغلام تەرەققىياتقا پايدىلىق شارائىتقا ئىگە، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى بىزنىڭ قولىمىزدا. ئۇسۇل ئۆزگەرتىش، قۇرۇلما تەڭشەش خەلقنىڭ ماھىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ تەققازاسى. بىز تارىخقا مەسئۇل بولۇش، خەلقكە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئىسلاھات تەرەققىيات مۇقىملىقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى، يېقىنقى نىشان ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى، ئىسلاھات تەرەققىياتقا كۈچ چىقىرىش نۇقتىسىنى، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى توغرا ئىگەللەپ، ئۇسۇل ئۆزگەرتىش، قۇرۇلما تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ھەقىقىي نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىمىز كېرەك.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق