باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئىۋانوف بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلھام مامۇت | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-10 09:34:34

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئىيۇل خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئىۋانوف بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلىدىم، بۇ جۇڭگو رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. بۇ يىل، بىزنىڭ ئۇچرىشىش پۇرسىتىمىز كۆپ. مەن بىرازىلىيە ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە زۇڭتۇڭ پوتىن بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىشىنى كۈتمەكتىمەن، زۇڭتۇڭ پوتىننىڭ بۇ يىل 11-ئايدا جۇڭگودا ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمەن. مەن، بىزنىڭ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تېخىمۇ يېقىن ماسلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر خىل ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھەرىكەتلىنىشىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ، مەن بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشلارنى ھەقىقى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. كىلەر يىلى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىرلىكتە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدۇ. مەن ئىككى تەرەپنىڭ ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بۇ پائالىيەتلەردە مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئىۋانوف مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ پوتىن بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلمەكتە، بۇ رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۇرتكە بولدى. زۇڭتۇڭ پوتىن يېقىندا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، ئىككى تەرەپ بىر قاتار مۇھىم ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، بۇ دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيىتىگە ئىگە. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ھەقىقى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىققا زور كۈچ بىلەن تۇرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، ياشلارنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش يىلىنى ئۆز ئارا ياخشى ئىلىپ بېرىشنى، بىخەتەرلىك قانۇنىنى ئىجرا قىلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشىنى خالايدۇ. بىز يەنە چۇڭچىڭدا بىرلىكتە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزمىز، بۇ رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ قوشقان غايەت زور تۆھپىسىنى نامايان قىلىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق