باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
لى كېچياڭ دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-12 10:18:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

    گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى گاۋ رۇي بىلەن كۆرۈشتى. 
    لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىنسانلارنىڭ كەشىپ قىلىشقا قارىتا ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىقىشتىن ئاڭلىق بولۇشقىچە بولغان تونۇش دەرىجىسىنىڭ كۆتۈرۈلىشى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش يېڭىلىق يارىتىشنى قوغداش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ياخشى قوغدىغاندا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بەرگىلى بولىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو ۋە چەتئەل كارخانىلىرى ھەمدە تۈرلۈك ئاساسى گەۋدىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بىردەك ئېتىراپ قىلىدۇ، ئورتاق قوغدايدۇ، مەمۇرىي ۋە ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ساختا ناچار قاتارلىق بىلىم ھوقۇقىغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئادىل، قېلىپلاشقان، ئاشكارا قانۇنچىلىق ۋە بازار مۇھىتىنى تىرىشىپ يارىتىدۇ، جۇڭگو دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قائىدىسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. 
    گاۋ رۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى جۇڭگو بىلەن ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى بىرلىكتە قوغداپ، يەر شارى دائىرىسىدىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە بىلىم ھوقۇقىنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار خەلقئارالىق قائىدە تۈزۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور ئىجابىي رول ئوينىشىنى قارشى ئالىدۇ.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق