باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-15 15:49:50

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

شۇ جاي ۋاقتى 14-ئىيۇل دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ فورتالىزادا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئافرىقىنىڭ ئاساسىي تېمىسى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، بىز ئافرىقا ئەللىرى بىلەن بىرگە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئافرىقىنىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، ئافرىقىنىڭ دۆلەت، رايون ھالقىغان ئۆز-ئارا ئالاقە تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز. جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ يېڭىچە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

زۇما مۇنداق دېدى: جەنۇبىي ئافرىقا سانائەتلەشتۈرۈش ۋە ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرماقتا، ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە، جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادى ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا پائال قاتنىشىشىنى قارىشى ئالىمىز. مەن بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى كۈتمەكتىمەن. جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 2015-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو بىلەن بىرگە ئافرىقا جۇڭگو ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق