باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ برازىلىيىدە رۇسىيە زوڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-15 17:36:29

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

شۇ يەر ۋاقتى 14-ئىيۇل دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ برازىلىيىدە رۇسىيە زوڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىز ئىككى ئاي ئىلگىرى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغىنىڭىزدا بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئۈستىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى بىر سەۋىيىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:كېيىنكى باسقۇچتا ئىككى تەرەپ بىربىرىنى سىياسىي جەھەتتىن قوللىشىنى داۋاملىق زورايتىپ، ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىشىمىز لازىم. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ كۆپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، سۆزلەش ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، يەرشارىنى تىزگىنلەش يوللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيىلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى راۋاجلىنىۋاتىدۇ. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىقىنى ياخشى پىلانلايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن سىز بىلەن داۋاملىق ياخشى ئالاقىلىشىشنى خالايمەن. بۇ يىل 11-ئايدا جۇڭگودا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمى يىغىنىغا قاتنىشىشنى كۈتمەكتىمەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق