باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش مەخسۇس تېمىلىق كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-23 15:53:11

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو 23-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 22- ئىيۇل بېيجىڭدا زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش مەخسۇس تېمىلىق كېڭەش يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئەھمىيىتى زور .بۇ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە ئەخلاق قۇرۇلۇشى، مىللىي روھ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش ۋە يولغا قويۇش لازىم. زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە مەزمۇن قۇرۇلۇشى ، ھۆكۈمەت بىلەن بازار مۇناسىۋىتى، ئەنئەنىۋى تارقىتىش شەكلى ۋە يېڭى تاراتقۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي كېڭىشى ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنىڭ كۈچلىرىنى ئاممىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش لازىم. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئىدىيىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاممىنى خۇشال قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت نادىر بۇيۇملىرىنى ئىجاد قىلىشقا تىرىشىپ، تېخىمۇ پايدىلىق بولغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا ياخشى كەيپىيات يارىتىش لازىم.

سىياسىي كېڭەشنىڭ 27 ئەزاسى زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى قاتتىق دېتاللاشتۇرۇش ۋە يۇمشاق دېتاللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى يارىتىش، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدە سۆز قىلدى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق