باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ تەيۋەندىكى ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-24 14:06:18

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

لاتىن ئامېرىكىسىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ تەيۋەندىكى بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ۋەقەگە ئۇچراپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، قاتتىق قايغۇردى، ئۇ گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىدىن دەرھال تەيۋەندىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق خەلقىنىڭ قازا قىلغۇچىلارغا بولغان چوڭقۇر تەزىيەسىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سوراشنى مەخسۇس تەلەپ قىلدى.

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 23-ئىيۇل كەچ سائەت يەتتىلەردە، تەيۋەن فۇشىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ گاۋشيوڭدىن پېڭخۇغا ئۇچقان بىر نۆۋەتچى ئايروپىلانى ھاۋا رايى ناچار بولغانلىقتىن جىددىي قونماقچى بولغاندا ھادىسىگە ئۇچراپ، 47 ئادەم قازا قىلغان، 11 ئادەم يارىلانغان.

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى دەرھال تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق كومىتېتى ۋە جۇڭگو گومىنداڭى مەركىزىي چوڭ قۇرۇقلۇق ئىشلىرى بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭنىڭ قازا قىلغۇچىلارغا قىلغان چوڭقۇر تەزىيەسى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سوراش ئەھۋالىنى يەتكۈزدى. بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: لاتىن ئامېرىكىسىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ تەيۋەننىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقىنى ئۇقۇپ، قاتتىق قايغۇردى، ئۇ گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىدىن دەرھال تەيۋەندىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق خەلقىنىڭ قازا قىلغۇچىلارغا بولغان چوڭقۇر تەزىيەسىنى يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سوراشنى مەخسۇس تەلەپ قىلدى. تەيۋەن تەرەپ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى. بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ئەگەر تەيۋەن ھەر قانداق ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولسا، چوڭ قۇرۇقلۇق پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدۇ. تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى تەيۋەن بوغۇزى ئالماشتۇرۇش فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قازا قىلغۇچىلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىغانلىقىنى يەتكۈزدى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق