باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
ئالدىنقى يېرىمدا يىلدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى داۋاملىق ئاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-24 17:01:33

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك، يېزا ئىقتىسادى ئالدىنقى يېرىم يىلدا مۇقىملىق ئىچىدە داۋاملىق ئاشتى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، دەسلەپكى ھېساب بويىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى بىر تىرىليون 981 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.9 ئاشقان. 1-كەسىپنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى بولغان تېرىقچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلات مىقدارى مۇقىم ئاشقان.

يازلىق ئاشلىق، مايلىقداندىن مول ھوسۇل ئېلىندى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يازلىق ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 273 مىليارد 190 مىليون جىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن توققۇز مىليارد 490 مىليون جىڭ، يەنى %3.6 ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى ياخشى باشلاندى، يازلىق ئاشلىقتىن ئۇدا 11-يىل مول ھوسۇل ئېلىنىپ، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان بىرلىك مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىش كۆلىمى ئەڭ يۇقىرى بىر يىل بولدى. چارۋىچىلىق بۇلتۇر كەينىگە يانغاندىن كېيىن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇقىم ئاساستا تەرەققىي قىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، قوي، كالا گۆش مەھسۇلاتى 40 مىليون 30 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.7 ئېشىپ، قوي، كالا گۆشىنىڭ تەمىناتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەركەز مالىيەسى قوي، كالا گۆشى ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات مەبلىغىدىن بىر مىليارد 400 مىليون يۈەننى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، گۆش كالىسى، سىيىر پادىسىنى كۆپەيتىش تولۇقلىمىسىغا ئىشلەتتى. سىياسەتنىڭ تۈرتكىسى ۋە ھەرىكەتنىڭ تۈرتكىسىدە، قوي، كالا گۆشى ئىشلەپچىقىرىش مۇقىم تەرەققىي قىلدى، بېقىلىۋاتقان گۆش كالىسى ئازىيىپ كېتىش يۈزلىنىشى ئاستىلىدى، بېقىلىۋاتقان گۆش قويى كۆپەيدى، باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئاستىلىدى. 6-ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كالا گۆشىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە باھا ئۆرلەش كۆلىمى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 25 پوئېنت، قوي گۆشىنىڭ 15 پوئېنت چۈشتى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىچكى ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئاستىلىشى ۋە ئىستېمال تەلىپىنىڭ جانسىز بولۇشى ئارقىسىدا، ئېلىمىزنىڭ كۆلەملەشكەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىدە يەنىلا ئاساسلىق تىجارەت كەسپىنىڭ كىرىمى سەككىز تىرىليون 400 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 1.4 پوئېنت يۇقىرى بولدى، ئومۇمىي مىقدارى، ئۈنۈمى داۋاملىق ئاشتى.

ئارام يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆلىمى تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئېكولوگىيە ئىقتىدارى، ئىجادىيەت كەسپى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى بىلەن ئۆزلۈكسىز جىپسىلاشتى. ئارام يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كىرىمى بىلەن تىجارەت كىرىمى، ئىشقا ئورۇنلىشىش كىرىمى بىلەن ئىگىلىك تىكلەش كىرىمى، پەسىللىك كىرىمى بىلەن ئۇزۇن يىللىق كىرىمى ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ تۆت پەسىل ئۆزلۈكسىز كىرىم قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم پەرقى كىچىكلىگەنلىكى ئايان بولدى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى سىياسەت، نىزام مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشى تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن بولۇپ، كۆپ تەرەپتىن كىرىم قىلىش ئەندىزىسى داۋاملىق شەكىللەنمەكتە، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى ئېشىپ، باھاسى ياخشى بولماقتا، دېھقان ئىشلەمچىلەردىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەر كۆپىيىپ، ئىش ھەققى ئۆسمەكتە.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق