باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ سانتىياگودا زىيارەتتە بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-25 10:25:53

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈلۈشكۈن كۇبا دۆلەت كومۇسسارىياتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى لائور كاستىرونىڭ ھەمراھلىقىدا كۇبادىكى ئىككىنىچى چوڭ شەھەر، قەھرىمانلار شەھىرى دەپ ئاتىلىدىغان سانتىياگودا زىيارەتتە بولدى، شى جىنپىڭ سانتىياگوغا چۈشكەندىن كېيىن ئالدى بىلەن لائورنىڭ ھەمراھلىقىدا مادىنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى. 
    شۇنىڭدىن كېيىن شى جىنپىڭ مونكادا ھەربىي لاگىرى خارابىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، 1953-يىلى 26-ئىيۇل فېدىل كاستىرو بىر تۈركۈم ياش ئىنقىلابچىلارنى باشلاپ بۇ لاگىرنى ئېلىپ، كۇبا ئىنقىلابىنىڭ بىرىنچى ئوقىنى ئاتقان ئىدى، لائور شى جىنپىڭغا كۆرەش كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى، شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كۇبا پارتىيەلىرى ۋە ئىككى دۆلەت شانلىق ئىنقىلابىي تارىخقا ئىگە، ئىنقىلابىي قەھرىمانلار بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە ئىلھام بېرىدىغان قىممەتلىك روھىي بايلىقىمىز، لائور كاستىرو شى جىنپىڭغا بۇ جاينىڭ ھازىر مەكتەپ شەھەرچىسى قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ جاي كۇبانىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى، شى جىنپىڭ تارىخنى ئېسىدە مەھكەم تۇتقاندىلا ئاندىن كەلگۈسىگە يۈزلەنگىلى بولىدۇ دەپ تەكىتلىدى. 
    شى جىنپىڭ مونكادا ھەربىي لاگىرىدىن ئايرىلىپ سانتىياگو شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە كەلدى، شى جىنپىڭ بىلەن لائور كاسىتورو بىرلىكتە ئىككىنچى قەۋەتتىكى بالكونغا چىقتى، 1959-يىلى 1-يانۋار فېدىل كاستىرو دەل مۇشۇ جايدا تۇرۇپ كۇبا ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى، ھۆكۈمەت مەيدانى ئالدىدا شۇ جايدىكى ئامما يىغىلىپ شى جىنپىڭنى بىرلىكتە قارشى ئالدى، لائور كاستىرو مۇنداق دېدى: بۈگۈن تېمپېراتۇرا ناھايىتى يۇقىرى ، ئەمما كۇبا خەلقىنىڭ سىزگە بولغان قىزغىنلىقى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ،شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈن رەئىس لائور كاستىرو ئىنقىلاب تارىخىنى قايتا ئەسلىدى، كۇبا ئىنقىلابى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۇنتۇلمايدۇ. كۇبا خەلقى قەھرىمان خەلق، سانتىياگو قەھرىمانلار شەھىرى، ئىشىنىمەنكى كۇبا خەلقى رەئىس لائور كاستىرونىڭ ۋە كۇبا كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولدا مېڭىش جەريانىدا يېڭى تېخىمۇ زور ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشىدۇ. 
    شى جىنپىڭ ئېكىسكۇرسىيەدىن كېيىن لائور كاستىرو بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگو كۇبا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىلاردا يەنىمۇ پىكىر ئالماشتۇردى. 
    شۇ كۈنى كەچتە شى جىنپىڭ كۇبادىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سانتىياگودىن ئايرىلىپ، دۆلىتىگە قايتتى، لائور كاستىرو كۇبادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى باشلاپ ئايرودۇرۇمغا ئۇزىتىپ چىقتى، لائور كاستىرو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۇبادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى تولۇق مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى، بىز ناھايىتى ياخشى پاراڭلاشتۇق، كۇبا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە نۇرغۇن يېڭى مۇھىم ئورتاق تونۇشقا كەلدۇق، رەئىس شى جىنىڭنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سەپىرىنىڭ مول ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تىلەكداشمەن. 
    شى جىنپىڭ مۇنۇلار تەكىتلىدى: بۇ قېتىم لاتىن ئامېرىكىسىغا قىلغان سەپىرىم كۇبادا ئاياغلاشتى، رەئىس لائور كاستىرو ئۆزى بىۋاسىتە كۈنتەرتىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشتىن ئاخىرى ھەمراھ بولدى، بۇ ماڭا رەئىس لائور كاستىرو ۋە كۇبا پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىنىڭ جۇڭگوغا بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى ھېس قىلدۇردى، مەن چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشىنى تىلەيمەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق