باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەكىلى، مۇئاۋىن زۇڭلى بورتاس بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-25 10:28:05

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئيۇل بېيجىڭ خەۋىرى: 
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن پورتۇگالىيەنىڭ تېسسېرا ئارىلىدا پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەكىلى، مۇئاۋىن زۇڭلى بورتاس بىلەن كۆرۈشتى.
بورتاس شى جىنپىڭغا زۇڭتۇڭ شىئرۋانىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان خېتىنى بەردى، شىئېرۋا خېتىدە شى جىنپىڭنىڭ پورتۇگالىيەگە توختاپ ئۆتكەنلىكىنى قارشى ئالدى، ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ھازىر چەتئەلدە زىيارەتتە بولغاچقا بورتاسقا سىزنى كۈتۈۋېلىشنى ئالاھىدە ھاۋالە قىلدىم. 
    شى جىنپىڭ بورتاستىن زۇڭتۇڭ شىئىرۋاغا سەمىمىي سالام يوللىدى،بورتاسنىڭ زۇڭتۇڭ شىئىرۋانىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەخسۇس پايتەخت لىسابونغا كېلىپ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ ئون يىللىقى، ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىقتىساد سودا، تېخنىكا، مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، ساياھەت ۋە دېڭىز ئوكيان قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، جۇڭگونىڭمۇ،پورتىگالىيەنىڭمۇ بىر قەدەر ئۇزۇن دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى ۋە مول دېڭىز ئوكيان بايلىقى بار، ئىككى تەرەپ دېڭىز ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېڭىز ئوكيان بايلىقىدىن پايدىلىنىش جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتسە بولىدۇ. 
    بورتاس شى جىنپىڭنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سەپىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى، پورتىگالىرىيەنىڭ ئۆز ئۈستۈنلىكىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى، ئافرىقا ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ كۇبادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن دۆلىتىمىزگە قايتار يولدا پورتۇگالىيەنىڭ تېسسېرا ئارىلىدا توختاپ ئۆتتى.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق