باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-30 10:46:37

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
     جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىايسىي بيۇروسى تۈنۈگۈن يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىنى بۇ يىل 10-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىشنى قارار قىلدى، يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى مەركىزىي كومىتېتقا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش، دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت زور مەسىلىنى تەتقىق قىلىش. يىغىندا ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئىقىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتلەر تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
 يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى چۇقۇم ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
     يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيىمىز يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارانىڭ ئومۇملۇقىنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتىگىيەلىك پۇرسەتنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مەنپەئەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ، جەمئىيەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزگىرىش داۋامىدا ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سىياسىدا ئاشكارە بولۇش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، جەمئىيەتنى ئادىللاشۇرۇش، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش، ئېلىمىزنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ باشلامچىلىق رولى ۋە قېلىپلاشتۇرۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارىي قىلدۇرۇش كېرەك.
     يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ تەڭپۇڭلىشىش نۇقتىسىنى، يېقىنقى مەزگىلدىكى نىشان ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلىشىش نۇقتىسىنى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ بېرىكىش نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەتنىڭ ئاساسى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، مىكرولۇق سىياسەتنى جانلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي سىايسەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ تەپەككۇردە چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، نىشانلىق تەڭشەپ تىزگىنلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، نۆۋەتتىكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلارغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىدىغان سىياسەت تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خېيىمخەتەردىن ساقلىنىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ كۆزلىمە نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 
     يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىسلاھاتنى ھەممە ئىشلاردا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مەسىلىلەرنى باشلامچى قىلىپ، مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خېيىمخەتەردىن ساقلىنىشنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئىسلاھاتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ ئورگانلارنى ئىخچاملاش، ھوقۇقنى قويىۋېتىشنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەبىئىي مونوپول كەسىپلەرنىڭ رىقابەت تىپىدىكى تىجارىتىنى، مۇلازىمەتچىلىكنى تەرتىپلىك ئېچىۋېتىشنى، ياسىمىچىلىقنىڭ ئىجازەت چەكلىمىسىنى قويىۋېتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قويىۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.
     يىغىندا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: خەلق تۇرمۇشى،  ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق  ساھەلەردىكى ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى زورايتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش، دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنى كۈچەيتىش؛ ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك خېيىمخەتەرلەرنى توغرا ئىگىلەپ، ئوخشىمىغان خېيىمخەتەرگە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بىلەن تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق