باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-30 19:15:43

جۇڭگو ئۇيغۇرچە راىيو تورى 30-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 29-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەت ھەققىدە ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇيۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.لى كېچياڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرۇپ، جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئويىنى تونۇشتۇردى. سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشان ۋەزىپىسى، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇقتىلىق قىيىن مەسىلىلەرگە قاراتتى؛ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوندىن ئارتۇق ئۆلكە ، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 200 دىن كۆپرەك ئاساسىي قاتلامنىڭ 1- سېپىدىكى ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇۋېتىش، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، چوڭ سان سىپىرلىق تېخنىكىنى قوللىنىش، ئېكولوگىيە مۇھىتنى قوغداش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىگىلىك يارىتىش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئوتتۇرا كىچىك مىكرو كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، داۋالاش سەھىيە ۋە ئەدلىيە قانۇن تۈزۈلمە ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىمۇ كۆرۈشكە بولىدۇكى ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشى بەزى قىيىنچىلىقلارغا يولۇقماقتا؛ بولۇپمۇ كېلىپ چىقىش مۇمكىن بولغان ئىقتىسادنىڭ سۇسلىشىشى ۋە خېيىم خەتەرنىڭ كۆپىيىشىدەك بەزى ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بىز چوقۇم ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ ،توغرا ھۆكۈم قىلىپ، تۆۋەن چەكتىكى تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك يېڭى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ياخشى تەييارلىق قىلىشىمىز لازىم.شى جىنپىڭ دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار، سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرى ۋە پارتىيە گۇرۇھسىز زاتلارغا مۇنداق تۆت نۇقتىلىق ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1.ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش.

2.ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشىدىكى زور مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، توغرا سۆز قىلىش، ياخشى تەكلىپ بېرىش.

3.مول ئۈنۈملۈك تەربىيە يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش.

4.ئىتتىپاقلاشقىلى بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلىشىش؛ سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرگىلى بولىدىغان بارلىق ئامىللارنى تولۇق قوزغاش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق