باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ ئىبولا يۇقۇمى كۆرۈلگەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ زوڭتۇڭلىرىغا تېلېگرامما يوللىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-12 16:43:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاۋغۇست گۋىنىيە زوڭتۇڭى ئارفا كوندەي، سېررالىئون زوڭتۇڭى ئونىستى بىئى كىروما، لىبېرىيە زوڭتۇڭى ئىللون جونسۇن سىلىپلەرگە ئايرىم ئايرىم تېلېگرامما ئەۋەتىپ، بۇ ئۈچ دۆلەتتە يېقىنقى مەزگىلدە ئىبولا يۇقۇمى تارقىلىپ كۆپلىگەن ئۆلۈم يېتىم ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ۋە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىدى ھەمدە ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يۇمۇقغا پۈتۈن كۈچى بىلەن زەربە بېرىشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوتتۇرا ئافرىقا ئېغىر كۈنلەر ۋە بوران چاپقۇندا بىرگە بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلار، ياخشى دوستلار، ياخشى شېرىكلەر .جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئافرىقا خەلقىنىڭ دەرھال ياردەم قولىنى سۇنغانلىقى، مەدەت بەرگەنلىكى، ياردەم بەرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۇ قېتىمقى مۈشكۈل پەيتتە جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقى ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ دۆلەتكە بىر تۈركۈم يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن جىددىي تەمىنلەش، يۇقۇمغا زەربە بېرىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىبولا يۇقۇمى ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ،جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقۇم كۆرۈلگەن دۆلەتلەرگە جىددىي ياردەم بېرىش، شۇ يەردىكى خەلقنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش، يۇقۇم ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى مۇراجەت قىلىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق