باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-19 15:20:23

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 18-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى،مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ،ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مەركەز كارخانىلىرى ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ ئىش ھەققى تۈزۈمى ئىسلاھاتى لايىھىسى، مەركەز كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ تەمىناتى، كەسپىي چىقىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىش ھەمدە قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش ، ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. ھەمدە يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن يەنىمۇ تۈزۈتۈپ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن تەرتىپ بويىچە تۈركۈمگە بۆلۈپ يولغا قويۇلسا دەپ تەكلىپ بېرىلدى.

يىغىندا ئەنئەنىۋى تارتقۇلار بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇلارنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىكى مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنىڭ 2014-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان پىلانى، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى يىغىندا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا ئىسلاھات خىزمىتى يەكۈنلەندى. ئىسلاھات ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىندى، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:دۆلەت كارخانىلىرى بولۇپمۇ مەركەز كارخانىلىرى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ۋە ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە يېتەكچىلىك رولغا ئىگە.خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى . پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادى ئاساسىدىمۇ تۈۋرۈكلۈك رولغا ئىگە. شۇڭا چوقۇم ياخشى تۇتۇش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز كارخانىلىرى مەسئۇللىرىنىڭ خىزمەت تەمىناتى كەسپى چىقىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىش ھەمدە قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش ئىستىل ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۆت ناتوغرا ئىستىلگە قارشى تۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش،تېجەشلىك بولۇپ ئىسراپچىلىققا قارىشى تۇرۇش ئۈلگىسى بولۇش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىش تۈزۈمى دۆلەتنىڭ ئاساسىي مائارىپ تۈزۈمى . ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئېلىمىزنىڭ ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىش تۈزۈمى دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، شۇنداقلا قىسمەن مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش سەۋىيىسىنى يۇقىرىلىتىش، ئەخلاقىي ئەقلىي جىسمانىي گۈزەللىك جەھەتتىن تەڭ يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇلارنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاخبارات تارقىتىش قانۇنىيىتى ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، بىر تۈركۈم شەكلى كۆپ خىل، ۋاسىتىسى ئىلغار، رىقابەت كۈچىگە ئىگە يېڭى ئاساسلىق تاراتقۇلارنى تىرىشىپ مەيدانغا كەلتۈرۈش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنىڭ 2014-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان پىلانىدا كەلگۈسىدىكى يەتتە يىللىق ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى پىلاننى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھاتلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرىلىشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى تۈزۈش ، ئۆزگەرتىش ، بىكار قىلىش مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، يولغا قويۇش داۋامىدىكى زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ياخشى ئىشلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى. لايىھىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىدىكى چىگىش مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ھەل قىلىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇھىم ئىسلاھات لايىھىسىنى تۈزۈشتە سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. يولغا قويۇش ھەرىكىتى، تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئىسلاھات مۇۋەپپەقىيەتلىرى،تەشۋىقات يېتەكچىلىكىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش يېتەكچىلىكىنى داۋاملىق زورايتىش، ئىسلاھات يېڭى ئىلگىرىلەشلىرى ۋە يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىش لازىم.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق