باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى ۋەزىيەتكە قەدەم قويدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-25 10:39:18

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

    جۇڭگو ئىقتىسادى كۆپ يىللىق يۇقۇرى ئېشىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن يۈزلىنىش خاراكتېرلىك يېڭى ئېشىش ۋەزىيىتىگە قەدەم قويدى، ئېشىش سۈرئىتى گەرچە ئاستىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئېشىش مىقدارىدىن ئۈمىدلىنىشكە بولىدۇ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش قىيىن بولسىمۇ ئەمما دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش چوڭ ۋەزىيەتكە ئايلاندى، تەڭشەپ كونتورول قىلىشتا زور دەرىجىدە قوزغىتىش، زور تەڭشەش ئېلىپ بېرىلمىغان بولىسمۇ ئەمما ئىقتىسادنىڭ ھاياتى كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى، ئىلمىي تونۇشتىكى يېڭى ۋەزىيەت، پائال ماسلىشىشتىكى يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىدا چوقۇم يېڭى يېڭى يارقىن نۇقتىلار بارلىققا كېلىشى، جۇڭگو ئىقتىسادىدا يېڭى شانلىق نەتىجىلەر يارىتلىدۇ، دۆلەتلىك ئىستاتېستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىزدە يۇقۇرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ كۆپەيمە قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %12.4 بولۇپ، سانائەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 3.6 پوئىنت يۇقۇرى بولغان، پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ تەتقىقات ئورگىنى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلان قىلغان«دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى دوكلاتى»دا ئايان بولىشىچە، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى پۈتۈن يەر شارىدىكى 40 ئاساسلىق دۆلەتئىچىدە 19-ئورۇندا تۇرۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن بىر بالداق كۆتۈرۈلۈپ، داۋاملىق ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ ئالدىدا ماڭغان، كىشىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغىنى شۇكى، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى جەھەتتىكى رەتكە تىزىلىش ئەھۋالى ئالدىنقى يىلدىكى 19-دىن 14-ئورۇنغا ئۆتكەن، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ئاساسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتىنىڭ مۇكەممەل بولغان بولمىغانلىقى، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاش كۈچىنىڭ قانچىلىكلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئېلىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىدە رەتكە تىزىلىش دەرىجىسىنىڭ كۆتۈرۈلىشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىدە ئىپادىلىنىدۇ، مانا بۇ دۆلەتنىڭ بىرقانچە مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا كۆرسەتكەن ئەڭ ئېنىق ئىپادىسى، بېيجىڭ جۇڭگۈەنسۈن، ۋۇخۇەن گۇاڭگۈدا پاي ھوقۇقى ئارقىلىق ئىلھام بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەر ئىلگرى كېيىن بولۇپ چىقىرىلىپ، پەن تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن تەتقىقاتچىلار %70 نەپ ئالدى، شېنجېندا مەخسۇس سىياسەت تۈزۈلۈپ، بازار يېتەكچى قىلىنغان يېڭىچە پەن تەتقىقات ئاپپاراتى قۇرۇلدى، مېخانىزم تۈزۈلمىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، غايەت زور يېڭىلىق يارىتىش ھاياتى كۈچى ھاسىل قىلىندى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا بېيجىڭ جۇڭگۈەنسۈندىكى كۆلەملەشكەن كارخانىلارنىڭ كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.8 ئاشتى، شاڭخەي جاڭجياڭدا كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئومۇمى كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 گە يېقىن ئاشتى، ۋۇخەن دوڭخۇدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.38 ئاشتى، ئۈچ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا كارخانىلارنىڭ تەتقىقات چىقىمى ۋە ھوقۇققا ئېرىشكەن پاتېنتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ ئۈچدىن بىرىدىن ئېشىپ كەتتى، يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشى مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 3دىن بىرىنى ئىگەللىدى، سانائەتتە ئوتتۇرىچە ئېنېرگىيە سەرپىياتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن %40 گە يېقىن تۆۋەن بولدى، بۇنىڭدىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى مەركەز يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگيەىسىىنى يولغا قويۇش يول خەرىتىسىنى ئېنىق بېكىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرۈتكە بولۇش سىياسىتى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چىڭ تۇتۇپ چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ زور پەن تېخنىكا مەخسۇس تۈرىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، تېخىمۇ ئىجابىي يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىرىنى كىرگۈزۈاش سىياسىتى قاتارلىقلارنى يولغا قويدى، بۇ تەدبىرلەرنىڭ تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، پەن تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى يەنىمۇ ئېشىپ، يېڭى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى شەكىللەندى.

 


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق