باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باش ئىشتاب باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-29 10:27:36

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 28-ئاۋغۇست خەلق سارىيىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارمىيەلىرىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگو كەلگەن قازاقىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستاننىڭ باش ئىشتاب باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئىجابىي رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ يىللىق دۈشەنبە باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش پىروگراممىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ ساھەدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، يېقىن، سەمىمىي، نەپ يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان ئەتراپ دىپلوماتىيە فاڭجېنىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىشنى خالايدۇ. جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۈچ خىل كۈچكە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، رايون يېڭى تەھدىتى، يېڭى خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى تاجىكىستاننىڭ باش ئىشتاب باشلىقى شەرىفزادە مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر مۇداپىئە بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى ھەمكارلىقتا مول ئۈنۈمگە ئېرىشتى، بۇ قېتىمقى باش ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنىدا بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى. ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار ئورتاق تونۇشىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ خىل كۈچ، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون دۇچ كەلگەن بىخەتەرلىك تەھدىتى ۋە خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى قوغدىشى كېرەك.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق